ئەلجەزىرە تورى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىسلام دىنى بىر ‹روھىي كېسەل›»

مۇخبىرىمىز سادا
2018.11.30
ramazan-ramizan-ramzan-meschit-namaz.jpg خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلىق چىگىش، ساقال قويۇش ۋە روزا تۇتۇشلىرىنى چەكلەۋاتقان مەزگىلدە، مەسچىتتە ناماز ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇرلار. 2015-يىلى 16-ئاپرېل، خوتەن.
AFP

«ئۇ ھەر قېتىم كارىۋاتقا بېشىنى قويۇپ ياتقان شۇ مىنۇتتىن باشلاپ دائىم قارا باسقاندا ۋە ئەتراپتىكى قوشنىلىرىنىڭ ھېكايىلىرىدىن ئاڭلايدىغان شۇ ئىشىكنىڭ چېكىلىش ئاۋازىدىن بەكلا قورقاتتى. ئۇ شۇ ئىشىكنىڭ چېكىلىش ئاۋازىنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى.»

يۇقىرىقى جۈملىلەر ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىسلام دىنى چوقۇم داۋالاش كېرەك بولغان ‹روھىي كېسەل›» ناملىق ماقالىنىڭ باشلانمىسىدۇر. خالىد بەيدون تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ماقالىدە ئىزچىل خىتاينىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ ھېكايىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان قاتتىق قول مۇئامىلىسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ چىققان. 

بۇ يىل ئاۋغۇستتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا ئۇيغۇر دىياردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەخمىنەن 11 مىليون ئومۇمىي نوپۇسىدىن 1 مىليون 100 مىڭ كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاي مىكدودوگال تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ ئىككى مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئاپتور يۇقىرىقى دوكلات ۋە بايانلارغا ئاساسەن ئۆز كۆز-قارىشىنى ئىپادىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ بىگۇناھ كىشىلەرنى ئائىلىسىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامىشى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان كىملىكى بولغانلىقىدىن باشقا سەۋەبنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. 

ماقالىدە ئاپتور يەنە «ئاتلانتىك» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى سىگال سامۇئەل خانىمنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدىكى دوكلاتىمۇ نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا تۇتقۇنلارنىڭ ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىشكە، ئىسلام ئەقىدىسىنى ئەيىبلەشكە زورلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا ھەر كۈنى نەچچە سائەت خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى مەدھىيىلەيدىغان قىزىل ناخشىلارنى يادلاشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى بىرمۇ-بىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا يەنە ئەر تۇتقۇنلارنىڭ چېچىنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلىپ، ئىسلام دىنىدا ھارام بولغان چوشقا گۆشى ۋە ھاراق-شارابنىڭ مەجبۇرىي يېگۈزۈپ-ئىچۈرىلىدىغانلىقىمۇ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. 

ماقالە ئاپتورى خالىد بەيدون ئۇيغۇر تۇتقۇنلار بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئامېرىكىدىكى ياپون تۇتقۇنلىرىنىڭ سانىنىمۇ ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا تەرىپىدىن قاماپ قويۇلغان ئامېرىكىدىكى ياپونلۇقلارنىڭ 10 ھەسسىسىدىن كۆپ ئىكەن. ئۇ بايانلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۆز ئالدىغا «روھىي كېسەل» دەپ تەسۋىرلەپ، ھەرخىل جىسمانىي ۋە روھىي زوراۋانلىقلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئىسلان دىنىغا قارشى چىقىشقا كۈشكۈرتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. 

ئاپتورنىڭ ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مېڭە يۇيۇش» پروگراممىسىدىن كىچىك بالىلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىغان. لاگېرغا ئەكېتىلگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى مەجبۇرىي ھالدا ھۆكۈمەت ئېچىۋالغان دارىلئېتاملارغا ئاپىرىپ قويۇلغان. ئاپتورنىڭ دېيىشىچە، بۇنداق قىلىشنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدىسى ۋە مىللىي كىملىكىنى بىراقلا ئۈزۈپ تاشلاش ئىكەن. بۇ خىل دارىلئېتاملار تاشقى دۇنياغا «مەكتەپ» دەپ تونۇشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇ يەردىكى بالىلار دىنسىزلىق ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىشقا، خىتاي كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىشكە شۇنداقلا ئائىلىسىدىكىلەردىن ۋاز كېچىشكە قاراپ يۈزلەندۈرۈلۈۋاتقان ئىكەن. 

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاۋاتقان ئورنى، ئۇلارنىڭ تارىخى ۋە كىشىلەرنى بىر-بىرى بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان بىر ھاياتلىق زەنجىرى دەپ ھېسابلىنىدىغان ئىسلام دىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغان ئىكەن. بېيجىڭ دائىرىلىرى ئىسلام دىنىنى يوقاتقاندىلا ئۇيغۇرلارنى يوقاتقىلى بولىدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشىنىدىكەن. ئاپتور بۇ نۇقتىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر رايونىغا پەرۋاسىز قارىغانلىقى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم شۇ ئارقىلىق ب د ت بۇ مەسىلىنى سەھنىگە تاشلىغان تەقدىردىمۇ، بۇ ۋەزىيەتنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. 

يېقىندا ئەلجەزىرە تورىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىمى ۋە زىيانكەشلىكلىرى سەۋەبىدىن يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن باشقا چەت ئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ھېكايىسى تونۇشتۇرۇلغان سىن كۆرۈنۈش تارقىتىلغان. مەزكۇر سىن كۆرۈنۈش بالا ۋاقىتلىرىدا ۋەتەندىن يېنىپ چىققان، ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان نۇرئەلا گۆكتۈرۈك خانىمنىڭ ھېكايىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشنىڭ ئالدىدىكى جەريانلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىققان. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن 1957-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەركەن دېگەن جايدا دۇنياغا كەلدىم. شۇ مەزگىللەردە ۋەتىنىمىز قاراڭغۇلۇققا تولغان بولۇپ، خىتاينىڭ زۇلۇمى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. مەن دۇنياغا كەلگەن كۈنى خىتايلار دادامنى تۈرمىگە سولىدى. بىز خىتاينىڭ تۈگىمەس زۇلۇمى سەۋەبلىك ئامالسىز 1961-يىلى ئاپام ۋە باشقا قېرىنداشلىرىم بىلەن بىللە ئافغانىستانغا كۆچۈپ كەتتۇق. 4 يىل ئافغانىستاندا ياشىغاندىن كېيىن، 1965-يىلى تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلدۇق.»

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان «مەن كالمان» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئابدۇراخمان ئابدۇللا ئۆزتۈرك ھېكايىسىمۇ بايان قىلىنغان. 

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن 1981-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ شەھىرىدە دۇنياغا كەلدىم. 2001-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ‹ئېزىتقۇ› فىلىم شىركىتىدە تەرجىمە فىلىملىرى بىلەن كىنو-فىلىم ساھەسىگە قەدەم قويدۇم. 2004-يىلى تۇنجى فىلىمىم ‹ھەسرەتلىك كۆز يېشى› قويۇلدى. 2006-يىلى مېنىڭ فىلىمىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياقمىغان چېغى، مېنىڭ فىلىم تىجارىتىمنى مەجبۇرىي توختىتىۋەتتى. شۇ سەۋەبتىن چەتئەلگە چىقىش زۆرۈرىيىتىدە قېلىپ، تۈركىيەگە چىقىپ، ھازىرغىچە مۇشۇ يەردە ياشاۋاتىمەن.»

ئاپتور يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا نۆۋەتتىكى سىياسىتى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىدىن بولغان ئىكەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە مۇنداق پىكىر يۈرگۈزدى: «تارىختا نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتتى. بىزنىڭ ھازىرقى گۇناھىمىز شۇ زېمىندا ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلغانلىقىمىز. بىر ئادەمنىڭ قانداق كىملىكتە ياشىشى، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشى ئۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى. بىر دىن قانداقمۇ ئاشقۇن ئىدىيە بولسۇن؟ بۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ. بىر ئادەمنىڭ قانداق ئىدىيىدە بولۇشى ئۇ تۇغۇلغاندىلا پەيدا بولىدىغان بىر ھوقۇق، ئۇنى كونترول قىلىمەن دېيىش پۈتۈنلەي خاتا. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.