گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزىدا جەم بولۇپ، جامائەتلىشىشنىڭ ھۇزۇرىدىن زوق ئالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2013.08.08
gollandiye-heyt-namaz.jpg روزا ھېيت نامىزى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلار. 2013-يىلى 8-ئاۋغۇست، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

8‏-ئاۋغۇست گوللاندىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن روزا ھېيت نامىزى ئوقۇشتى. ناماز شۇ يەر ۋاقتى سەھەر سائەت 9:30 دا ئوقۇلدى.

جامائەت تەقۋادارلىق، تەۋبىكارلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئەپۇچانلىق مەزمۇن قىلىنغان ۋەز-نەسېھەتلەردىن ساۋاقلار ئالدى. ئۆز-ئارا ئەپۇ قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە مۇھىملىقى ھەققىدىكى بايانلاردىن تەسىرلەنگەن ئۇيغۇرلار، نامازدىن كېيىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئارىلىرىدىكى گېنە-ئاداۋەتلەرنى يۇيۇۋىتىشكە ۋەدىلەشتى. كېيىن خەير سۆيەر قېرىنداشلىرىنىڭ ھىممىتىدە ھەمداستىخان بولۇشۇپ غىزالاندى. بىر قىسمى زۆرۈرىيەتلىرى سەۋەبلىك قايتقان بولسىمۇ، بىر قىسمى تاكى پېشىن نامىزىغا قەدەر ھەمسۆھبەت بولۇشتى. ساپ ۋە خاس بىر جامائەت شەكلىدە ھېيت نامىزى پائالىيىتىنى تاماملىۋالغان ئۇيغۇرلار، زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۇنتۇلغۇسىز ھېس-تۇيغۇلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ۋەتەن سىرتىدا ياشاشقا مەجبۇر قالغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ بىر پارچىسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان توپلۇملىرىنىڭ، جامائەتلىشىش تەرەققىياتى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقانلىقى، مۇھاجىرەتتىكى ئەل-ۋەتەن سېغىنىشىنىڭ ئازابلىرىنى يەڭگىللىتىپلا قالماي، يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ مىللىي خاسلىقىنى يېتىلدۈرۈشىدىمۇ ئىجابىي رول ئوينىماقتا.

ئەنە شۇ ھېكمەتنى چۈشىنىپ يېتىشكەن ئۇيغۇرلار مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ساقلاشنىڭ جامائەتسىز مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئەمەلىي ھاياتى بىلەن يازماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.