گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئىپتاردا پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2013.07.29
gollandiye-ramazan-paaliyiti.jpg گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزانلىق پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 27-ئىيۇل.
RFA/Pidaiy

27‏-ئىيۇل گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر كېچە بولدى. رامىزان باشلىنىش بىلەنلا داۋام قىلىۋاتقان ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە ۋە شەنبە ئىككى كۈنلۈك ئىپتار پائالىيىتىنىڭ 3‏-ھەپتىسى شەنبە، 50 دىن ئارتۇق ئىپتارچى ئۇيغۇر خۇشاللىنارلىق بىر كېچىنى تاڭغا ئۇلىدى.

ئۆزىنىڭ مول نېمەتلىرى ۋە تېپىلغۇسىز پۇرسەتلىرى بىلەن كېرىپ كەلگەن رامىزاننىڭ 18‏-كۈنى شەنبە، گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مەركىزى زالىنىڭ بىر تەرىپىگە ئىپتار داستىخېنى راسلىنىپ، بىر تەرىپى مەسچىت قىلىندى. ئاستىنقى قەۋىتى ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇسلاندى. ئاتا-ئانىلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن كىچىك بالىلارمۇ، جامائەتنىڭ ئىناقلىقى نامايان بولغان بۇ ئۆزگىچە كەيپىياتتىن زوقلىنىپ، كېچىچە كىرپىك قاقمىدى.

ئەسلى پىلاندا پەقەت ئىپتار زىياپىتى بىلەن باشلانغان بۇ پائالىيەت، ئۇيغۇرلانىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن ئەتىسى بامدات نامىزىغىچە داۋام قىلدى. يىللاردىن بىرى مىللىي ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ ئەزالىرى، ۋەتەنداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇلازىمەتلىرىنى كېڭەيتىپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى بۇ ئىككى كۈنلۈك ئىپتار زىياپىتىنى، كېچىلىك تاراۋىھ نامىزى، تەئەججۇد نامىزى، ۋەز-نەسىھەتلەر ۋە زىكىر-تەسبىھلەر بىلەن مەزمۇنلاندۇرۇپلا قالماي، سەھەر سوھۇرلۇق زىياپىتىگىمۇ ساھىبخانىلىق قىلىپ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي قىزغىنلىقىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ كېچە تاراۋىھ نامىزىدىن كېيىنكى ۋەز-تەبلىغلەردە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا شېھىد بولغان مىللىي قەھرىمانلارغا مەدھىيەلەر ئوقۇلۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا لەنەتلەر ياغدى. بولۇپمۇ لۈكچۈن ۋەقەسىدىن كېيىنكى خىتايلارنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا ماسلىشىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان ئاتالمىش دىنىي زاتلاردىن ئابدۇرەقىپ داموللىغا قاتتىق رەددىيە بېرىلدى.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زىيالىي ئەيسا قارىھاجىم «ئاتالمىش داموللاھ ئابدۇرەقىپ - ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس نامىنى بۇلغىغان خائىن ۋە مۇناپىقتۇر. ئۇنىڭ مۇجاھىدلار ھەققىدە چىقارغان ھۆكۈمى، ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرىدا باتىلدۇر. كۈچكە ئېگە ئەمەستۇر» دېدى.

جامائەت ئىچىدە مەزكۇر مەسىلىگە قارىتا پىكىر قاتقان مەلۇم بىر ۋەتەنداشمۇ ئابدۇرەقىپنىڭ 2009‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ 5‏-كۈنىدىكى قەتلىئام ھەققىدە، خىتاي تەرەپتە تۇرغانلىقىنى پاش قىلىپ، قاتتىق غەزىپىنى بىلدۈردى. كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنازىرە قىلغاندىن كېيىن، «خىتايلارنىڭ يالغانچىلىقى؛ تاجاۋۇزچى دۈشمەنلىكى؛ بۇ دۈشمەنگە يالاقچىلىق قىلغان ھەرقانداق كاتتا ئەربابلارنىڭمۇ، خىتايلار بىلەن ئوخشاش ھۆكۈمدە بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىملىقى» ھەققىدە بىرلىككە كەلدى.

كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەنداشلىق مېھرىنىڭ تەسىرىدە ھاياجانلانغان ئۇيغۇرلار مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى ۋە تولۇقلاشقا تېگىشلىك ئەسلىھەلىرىگە ئېئانىلەر قىلدى. ئۇيغۇرلار مەزكۇر كۆڭۈل ئىزھار قىلىش سۆھبىتىنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى بىلەن كېچە قىلىنىدىغان تەئەججۈد نامىزىغىمۇ ۋاقىت يەتمەي، سوھۇرلۇققا ئاران ئۈلگۈردى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلار ئالدىمىزدا يەنە رامىزاننىڭ 21‏- ۋە 27‏-كۈنلىرىمۇ چوڭ كۆلەمدە پائالىيەت قىلىدىكەن. شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىدىكى پائالىيەتلىرىمۇ نورمال داۋام قىلىدىكەن. ئۇلار ئۆتكەن نەچچە يىلدا ئېلىپ بارغان ئېپتار پائالىيەتلىرىنى مۇقىمىسز يەرلەرنى كىرالاپ داۋام قىلىپ، ۋەتەنداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن ئىدى. بۇ يىل مەزكۇر يەردە ئورۇن تۇتقاندىن بىرى، گوللاندىيەدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ھازىر مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىگە ياردەمدە بولۇۋاتقان ۋەتەنداشلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.