كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشىنىڭ تەسلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە
2016.08.12

چەتئەللەردىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىدە ھەممىدىن بەكرەك ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى قاتتىق زەربىلەرگە ئۇچراپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەج ۋە ئۆمۈر ھەج قىلىش پائالىيەتلىرىگە تۈرلۈك چەكلىمىلەر قويۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشى كۈندىن - كۈنگە تەسلەشكەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن ئېنگىلىز تىلىدىكى «خىتاي كۇندىلىكى» نىڭ 7 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ھەج ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ما شۇباڭ خىتايدىن ئۆتكەن يىلى جەمىي 14500 كىشىنىڭ ھۆكۇمەتنىڭ تەشكىلىشى بىلەن ھەجگە بارغانلىقىنى ۋە بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشالىقىدىن 15500 كىشىنىڭ ھەج قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ 51% ىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى جياڭ چۈنشەننىڭ ھەج پائالىيىتىنى، بۇ رايوندىكى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم پائالىيەتلەردىن بىرى، دەپ تەرىپلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىز بۇ يىل خىتايدىن ھەجگە بارىدىغان ھاجىلار سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىگىلەش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىدىكى بىر خانىم بۇ يىل خىتايدىن ھەجگە بارىدىغان كىشىلەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سوئاللىمىزغا ئۆزىنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى سوئاللار ھەققىدە ھەج ۋىزىسىغا مەسئۇل خادىم بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىشىمىزنى سورىدى ۋە تېلېفوننى ئۇ كىشىگە ئۇلاپ بەردى. بىراق، بۇ خادىم سوئاللىمىزغا جاۋاب بېرەلمەي، تېلېفوننى باشقا بىر دىپلوماتقا ئۇلاپ بېرىپ، شۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سوئال سورىشىمىزنى ئېيتتى. لېكىن، تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دىپلوماتمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ بۇ سوئالغا تېلېفون ئارقىلىق جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەزى مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن خىتاي ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.
8 - ئاۋغۇست سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە، جىددەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ۋە خىتاي ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان 2016 - يىللىق خىتاي ھەج ئىشلىرى تەييارلىق ئىشخانىسىدىكى نام شەرىپىنى ۋە شۇنداقلا ئۆز ئاۋازىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ يىل خىتايدىن جەمىي 15500 كىشىنىڭ ھەجگە كېلىدىغانلىقىنى لېكىن، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆتكەن يىلقىغا ئوخشاشلا يەنىلا ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىدىن 3200 نەپەر كىشىنىڭ ھەجگە تەشكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتايدىن چىقىدىغان ئىڭلىز تىلىدىكى «خىتاي كۇندىلىكى» گېزىتى ئۆتكەن يىلى 14 - ئاپرېلدىكى سانىدا 2015 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىن جەمىي 3200 كىشىنىڭ ھەجگە بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى بىر قانچە يىلدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلارغا ئۆمۈر ھەج ۋە ھەج ۋىزىسى بەرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن مەككىگە كېلىدىغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ يىل رامىزان ئېيىدىن تا ھازىرغىچە ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە توپلانغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئارىسىدا بۇ مەسىلىلەردە بەلگىلىك كېلىشىملەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ژۇنالىست سىراجىدىن ئەزىزى سۆھبىتىمىز جەريانىدا ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىن تۈركىيە، پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە چىقىپ بۇ دۆلەتلەردە ھەج ۋىزىسى كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ۋە تەشكىللىك ھالدا شۇ يەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يىتەكلىشى بىلەن خەلقئارا ئىسلام دىنىي تەشكىلاتلىرىغا ۋە شۇ دۆلەتنىڭ دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بۇ مەسىلە ھەققىدە ئەرز سۇنۇشىنى، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلارنىڭ ھەج ۋىزىسى مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇش ئېھتىمالىقىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى.
2007 - يىلىدىن 2008 - يىلىغىچە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەجگە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا خالىسانە تەرجىمانلىق خىزمىتىدە بولغان ھازىر نورۋېگىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدىكى ئۇستاز تۇرغۇنجان ئەمەت 2008 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە تەسلەشكەنلىكىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.