خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەج سىياسىتى
2013.03.07

خوتەن ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تارقاتقان «2012-يىلىدىكى تەشكىللىك ھەج خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ناملىق تامغىسىز قىزىل باشلىق ھۆججەتتە ھەج قىلىدىغانلارنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرى ۋە ھەج قىلىشقا بولمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە ماددىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ھۆججەتكە قارىغاندا ھەج قىلىدىغانلار ئورۇنداشقا تېگىشلىك سەككىز ماددىلىق شەرتلەرنىڭ بىرىنچىسى ھەج قىلىدىغان كىشىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ھەمدە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكى شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، دۆلەتنى سۆيۈپ قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ئەخلاق پەزىلەتلىك كىشى بولۇشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. ھەج قىلىدىغانلارنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرى ئىچىدە يەنە مۇنۇ ماددىلارمۇ بار ئىكەن. يەنى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن ئۆمەككە قاتنىشىپ ھەج قىلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشقان، پارتىيىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى كەڭ ئاممىغا ئاكتىپ تەشۋىق قىلغان، ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان، ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەسچىتتىكى ئامما ئارىسىدا يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بېرى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت كۆرۈلمىگەن بولۇشى بەلگىلەنگەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەج قىلغۇچى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالغان، پارتىيىنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان بولۇشى كېرەك ئىكەن.
يەنە بىر ماددىدا بولسا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلارغا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
خوتەن ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تارقاتقان بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى ھەج قىلسا بولمايدىغان كىشىلەر ئەينەن تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىلگەن:
- مەزكۇر كىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ياكى ھەج قىلىشنى دەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن چېكىنگەنلەر.
- دۆلەت خىزمەتچىسى، ھۆكۈمەت بېقىۋاتقان كىشىلەر، دۆلەت خىزمەتچىسىنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋاقتىنچە ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ.
- پارتىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات، دۆلەت كارخانىسى، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيىگە چىققانلار شۇنداقلا بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋاقتىنچە ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ.
- ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار.
- كېسەل، بەدىنى ئاجىز، ھەرىكەت قىلىش قۇلايسىز، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولمىغانلار.
- ھەج قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بولغانلار.
- سىرتتىن نوپۇسىنى كۆچۈرۈپ كىرگىلى ئۈچ يىل توشمىغانلار.
- «23-مارت»، «5-ئىيۇل»، «9-ئاۋغۇست» قاتارلىق دۆلەت بىخەتەرلىكى، جەمئىيەتنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك شۇنداقلا ئەكسىيەتچىل دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان، «ھىزبۇت»، «ھىجرەت»قاتارلىق تەشكىلاتلارغا چېتىشلىق كىشىلەر، «ۋاھابى» ئىدىيىسىدىكى كىشىلەر ھەم ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى.
- ئائىلە ئەزالىرى ۋە بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدە روپاچ بولۇۋالغانلار.
- قانۇنسىز دىن ئوقۇتۇش نۇقتىسىنى تەشكىللىگۈچى، ئۆي بىلەن تەمىنلىگۈچى، ئۆگەتكۈچى، تونۇشتۇرغۇچى، شۇنداقلا ئۆگەنگۈچىنىڭ ھامىيسى ھەم ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى.
- ھەج قىلىشنى دەپ ئاجرىشىپ كەتكەن شۇنداقلا يېشىنى ئۆزگەرتكۈچىلەر.
- يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالمىغانلار.
- تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن جازالانغانلار.
بىز ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرز ئەمەلنىڭ بىرى بولغان ھەج قىلىشقا زادى قانداق كىشىلەرنىڭ قاتناشسا بولىدىغان قانداق كىشىلەرنىڭ قاتناشسا بولمايدىغانلىقىغا قارىتا دىنىي ئۆلچەملەرگە ئاساسەن بېكىتىلگەن شەرتلەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن دىنىي ئالىم مۆمىنجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.