ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 40 - نۆۋەتلىك يىغىلىشى پەيغەمبەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا بېغىشلاندى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015-05-26
Share

شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام چەمبىرىكىنىڭ 40 - نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشى، پايتەخت ۋاشىنگتونغا قوشنا بولغان بالتىمور شەھىرىدە 23 - مايدىن 25 - مايغىچە 3 كۈن داۋاملاشتى. شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك يىغىلىشى بولغان بۇ ئۇنىۋېرىسال پائالىيەت پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆرمىتىگە بېغىشلانغان بولۇپ،ئامېرىكا، كانادا ۋە دۇنيانىڭ باشقا ئەللىرىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمانلار قاتناشتى.

140 نەپەر تونۇلغان ئىسلام ئالىملىرى، ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۆرنەك دەۋەتچى شەيىخ، ئىماملار مۇھاكىمىلەرگە، قىرائەت مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتى. پائالىيەت يەنە بازار ۋە باشقا كۆپ خىل مەزمۇنلاردا ئۇنىۋېرىسال بايرام شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ بۈيۈك يىغىلىشىغا ئىشتىراك قىلغان بەزى ئۇيغۇرلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەركىن دۆلەتتىكى دىنىي ئەركىنلىك، مۇسۇلمانلار بەھرىمان بولۇۋاتقان ئىمتىيازلاردىن ھاياجانلانغانلىقىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى، دىنىي قېرىنداشلارغا ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئامېرىكىدا تەخمىنەن 6 مىليوندىن 8 مىليونغىچە مۇسۇلمان ياشايدۇ، شىمالي ئامېرىكا قىتئەسى ئىسلام چەمبىرىكى بولسا 1968 يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز - ئارا ئىجتىمائىي ياردەم ۋە دىنىي مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى. يەنى قىسقارتىلىپ ICNA دەپ ئاتىلىدۇ.

Icna نىڭ 2015 - يىللىق مۇسۇلمانلار يىغىلىشى بالتىموردا قويۇق ئىسلامىي كەيپىياتتا ئۈچ كۈن داۋام قىلدى. بۇ ئاممىۋى يىغىلىشتىكى بارلىق پائالىيەت ۋە 200مەيداندىن كۆپرەك مۇھاكىمىلەر مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىنى ھەقىقىي تونۇشتىكى رولى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى شەرھلىدى، تەبلىخ، ۋەز - نەسىھەتلەرنى ئاساس قىلدى. 20مىڭ مۇسۇلمان بىرلىكتە ناماز ئوقۇدى ۋەز نەسىھەتلەرگە ئىشتىراك قىلدى، شەخس ياكى دوستلار، ئائىلىلەر بويىچە بىرلىكتە، مۇسۇلمان دۇنياسىغا تەۋە تۈرلۈك ھالال يېمەك - ئىچمەكلەردىن غىزالاندى. پائالىيەت تەرتىپلىك، مول مەزمۇنلۇق، ئەھمىيەتلىك، ئىنتايىن ئىللىق ئائىلىۋى كەيپىياتتا داۋام قىلدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ بۈيۈك يىغىلىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرغان ICNAنىڭ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى دۆلەتلىك مەسئۇل ئەمىرى نائىم بەگنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن نېيىمبەگ، Icnaنىڭ ئامېرىكىدىكى مەسئۇل پرېزىدېنتى بولىمەن. ئەلھەمدۇلىللا بۇ 40 - نۆۋەتلىك يىغىلىشىمىز ھېسابلىنىدۇ. 20 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ۋە ئىسلام دىنىغا قىززىققۇچى قېرىنداشلار ئىشتىراك قىلدى، 140 نەپەر ئىسلام ئالىم، ئۆلىمالار 200 قېتىمدىن كۆپ مەخسۇس لېكسىيە دەرسلىرىنى بەردى، بۇ، قېرىنداشلارغا ئىسلام ئۆگىنىشتىكى ئىنتايىن كەڭ ھەم قىممەتلىك بىر پۇرسەت. 400دىن ئارتۇق دۇكان ۋە بوتكىلار بولغان ئىنتايىن چوڭ بازار، يەرمەنكىلەر ئېچىلدى ۋە ھالال يىمەك - ئىچمەك، ياش، قېرى، بالىلارنىڭ ئېھتىياجىغا لايىق لېكسىيىلەر ئورۇنلاشتۇردۇق، بالىلارغا مەخسۇس ۋاقىتلىق بېقىش ئورنى ۋە ئويۇن مەيدانلىرىنىمۇ ئورۇنلاشتۇردۇق، قېرىنداشلارنىڭ مەنىۋى ۋە باشقا ئېھتىياجى ئۈچۈن بۇ 3 كۈن جەريانىدا ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە خىزمەت قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا ياردەمدە بولۇشقا يول ئىزدەۋاتىمىز.

- مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بۇ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي يىغىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھۆكۈمەت ياكى باشقۇرۇش دائىرىلىرىنىڭ بىرەر توسقۇنلۇق ياكى چەكلىمىگە ئۇچرىدىڭلارمۇ ؟

- بۇ سىياسەتتىن خالى ئىجتىمائىي ئاممىۋى بىر يىغىلىش، بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىز ئاساسەن ئىسلام جەمئىيەتلىرى ۋە مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ قوللىشى بىلەن بولىۋاتىدۇ، دۆلەتتىن ھېچقانداق ئىقتىسادىي ياردەم ئالمايمىز. بۇ ئەركىن دۆلەتتە ھەر قانداق ئاممىۋى تەشكىلات، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىگە ئىمكانىيەتلەر بار، شۇڭا ھېچقانداق توسقۇنلۇققىمۇ ئۇچراپ باقمىدۇق. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بۇ خىل ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا جايلاردىكى ئورگانلار قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاپ، قولايلىق يارىتىپ كەلمەكتە.

- نېئىم بەگ ئەپەندى، ئۆزىڭىز ۋە ICNAنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي ۋە سىياسىي بېسىملاردىن خەۋىرى بارمۇ ؟

- ئەلۋەتتە بار، ئەلۋەتتە ئاساسلىقى دۇنيا ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولغان ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم، ئالدىمىزدا رامىزان كېلىۋاتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا قارىتا بۇنداق چەكلىمە سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان پەيتى، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى، ناماز ئوقۇشى، ھىجاب تاقىشى دېگەندەك ھەر جەھەتتە چەكلىمىلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى بىزدە ئەندىشە قوزغايدۇ.

- ئۇيغۇرلارغىمۇ icna نىڭ پائالىيەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش ئىمكانىيىتى بارمۇ ؟

- ئىمكانلار بار، ئىنشائاللا، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئەلۋەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغىمۇ ياردەمدە بولۇشنى خالايدۇ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ بىز بىلەن ئالاقە باغلىشىنى، پائالىيەتلىرىمىزدە پروگراملىرىمىزغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭشلىتىشىنى خالايمىز. بىز ئۆز - ئارا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن بۇ يەردە بىز. ھەتتا ھۆكۈمەتلەرگە قەدەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇچراۋاتقان بېسىملىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلىتىش ئىمكانلىرىمىز بار، ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىزگە قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەمنىڭ ئۆزى بىلگەن ھەقىقەتنى سۆزلىشىگە، ئىنسانلارنىڭ ھەيۋىسى توسالغۇ بولۇپ قالمىسۇن.»

دېمەك ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ۋاجىپ ئەمەل قىلىپ بېكىتىلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. پىكىر ئەركىنلىكى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھوقۇقىدۇر. ئىسلامنىڭ بۇ خىل مەدەنىيەتلىرى بۇ پائالىيەتتە مۇكەممەل ئەكسىنى تاپتى.

مۇھاكىمىلەرگە تەكلىپ قىلىنىپ ۋەز نەسىھەتلەرگە قاتناشقان ئىسلام ئالىم ئۆلىمالىرى «دىن دېگەن ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كىتابى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرى، باشلىقلىرى ئۈچۈن ۋە ئومۇميۈزلۈك مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن نەسىھەت قىلىشتۇر» دېگەن نۇقتىنى ئاساس قىلدى. مۇشۇ تېمىدىكى بىر لېكسىيىنى ئاڭلاپ چىققان ئامېرىكىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرىسىتېتتا ئۆسمە كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مۇسلىمە قىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل يىغىلىشقا كىچىكىدىن قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىدە ئەڭ ھاياجان قوزغايدىغىنى، بىرى ئۆلىمالارنىڭ تەبلىغلىرى بولسا، يەنە بىرى ھەدسلەردە ئېيتىلغاندەك «ئاللاھ تائاللا پەرشتىلەرنى مۇسۇلمانلار يىغىلغان جايغا "ئۇممەتلىرىم نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ، نېمىلەرنى دېيىشىۋاتىدۇ " دەپ ئەۋەتىدىكەن، بۇنچە كۆپ مۇسۇلمانلار يىغىلغان جايدا ئىنشائاللا پەرشتىلەرگە ئورىنىپ تۇرۇپتىمىز دەپ ئويلايمەن ۋە بۇ مېنى بەكمۇ ھاياجانغا سالىدۇ» دېدى.

20 مىڭ مۇسۇلمان ئىشتىراك قىلغان بۇ بۈيۈك يىغىلىشتا ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئالاھىدە دىققىتىمىزنى تاتتى، ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار توپىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئائىلىلەر بويىچە بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىۋاتقان ئىكەن. ئامېرىكىدىكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەنۋەر ئەپەندى ۋە بىلال ئەپەندىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ بۈيۈك يىلغىلىشىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئىپادە قىلدى.

مەزكۇر بۇيۇك يىللىق يىغىلىشنىڭ تەرتىپ بىلەن داۋام قىلىشىغا مىڭغا يېقىن پىدائىي ياشلار خالس خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا مۇھىم كۈن تەرتىپكە كىرگەن ICNAنىڭ يىلدا بىر ئۆتكۈزىدىغان بۇ ئۇنىۋېرىسال پائالىيىتى، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن پۈتۈنلەي مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ قوللىشى، ياردىمى ۋە ھەمكارلىقلىرى بىلەن بارغانچە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت