ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئىپتار زىياپىتىدە جەم بولدى

0:00 / 0:00

مۇبارەك رامزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن 2013-يىلى 25-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئىچىدىكى مەيداندا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كەڭ-كۆلەملىك ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى.

ئىپتار زىياپىتىگە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ، 1000 غا يېقىن كىشى قاتناشتى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ ئىپتار زىياپىتىگە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، پروفېسسور جالال ئەرباي، زەيتىنبۇرنۇ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياس ساكا ۋە ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى فوندىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دوكتور ئىكرام سۇلتان قاتارلىق مۇھىم شەخسلەرمۇ قاتناشتى.

ئىپتار ۋاقتى يېقىنلاپ كەلگەندە، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور جالال ئەرباي دۇئا قىلدى. ئىپتارغا كەلگەن پۈتۈن كىشىلەر جالال ئەربايغا ئەگىشىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك-باراۋەرلىكى، ھۆرلۈك، ئازادلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

يىغىن ئەھلى دۇئادىن كىيىن ھەر خىل يېمەكلىكلەر بىلەن ئىپتار قىلدى. كىيىن جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان قىسقىچە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتار زىياپەتكە ئائىلە ئەزالىرى ۋە بالىلىرى بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار مەسئۇلى ئابدۇلكەرىم كۇچار ۋە مۆمىنجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلكەرىم كۇچار، توپلىشىپ ئىپتار قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە روزا-رامىزاندا جەم بولۇپ ئىپتار قىلىشنىڭ، بىرلىك-باراۋەرلىك، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ غېرىپ-مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقى بۇ ئارقىلىق، ئازراق بولسىمۇ ۋەتەن ھەسرىتىنى ئۇنتۇپ خۇشال ئۆتۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.