ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان «ھاملە گەنچلىك جەمئىيىتى» تەرىپىدىن «ئىسلام دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
2014 - يىلى 2 - نويابىر يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئۆسكۈدەر ياشلار مەركىزى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخىپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك، ئەلىخان تۆرەنىڭ ئوغلى قۇتلۇقخان شاكىرۇف تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە يىغىندا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلانغان بۇ يىغىندا ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن «ھاملە گەنچلىك جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى ئەكرەم كۇبۇلاي قارادېڭىز ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر دىيارى ۋە ئۈممەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن تاشلاپ قويۇلدى. بۇ بولسا بىزنىڭ چوڭ بىر كەمچىلىكىمىز دەپ قارايمەن.تۈركىيىدىكى مۇسۇلمانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاجىز ۋە مەزلۇم خەلقى بولغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشىمىز كېرەك.»

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يىغىندا يەنە 23 - فېۋرال ياشلار ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى سەردار فىكرەت قىلىچ ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن شەرقىي تۈركىستان داۋاملىق تاشلىنىپ قالدى. خۇسۇسەن ئىسلامىي ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ مەسىلىسىگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلەلمىگەنلىكىمىزنى قايغۇ ئىچىدە ئىپادىلەيمەن. غەززە، پەلەستىن ۋە باشقا مەزلۇم خەلقلەرگە ئەھمىيەت بەرگەنگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئەھمىيەت بېرەلمىدۇق. بۇ ھەقىقەتەن ئازابلايدىغان بىر ۋەزىيەت. ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىگە ھەر زامان كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە سەل قاراشتىن ئىبارەت كەمچىللىكلىرىمىزنى تۈزىتىشىمىز كېرەك.»
كېيىن بىر ياش يىگىت سەھنىگە چىقىپ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن يېزىلغان بىر شېئىرنى ئوقۇدى ۋە قىسقىچە بىر ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان قۇتلۇقخان شاكىرۇف ئەپەندى، 1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان دادىسى ئەلىخان تۆرە توغرىسىدا سۆز قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركىستان جۇغراپىيىسىدە تارىختىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان، سىياسىي، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.