مۇخبىرىمىزنىڭ كۇچا ناھىيىسىدىكى لاگېرلار توغرىلىق ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا خانىقاتام يېزىسىدا ئۈستىگە تاختاي يېپىلغان، ئاستى سېمونت بىلەن قاتۇرۇلغان 2-3 قەۋەتلىك زەرەتگاھلىق قۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 2009-يىلى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە دەپنە ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى. دەپنە ئىسلاھاتى لايىھىسىدە جەسەتنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا، يەنى جەسەت ساندۇقىغا سېلىپ يەرگە كۆمۈشنىڭ ئورنىغا جەسەتنى كۆيدۈرۈۋېتىش تەشەببۇس قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر ھۆججەتتە يەنە بۇ ئىسلاھاتنى دەرھال ئىجرا قىلماسلىق، بەلكى قەدەممۇ-قەدەم ئىجرا قىلىش، ئاۋۋال پارتىيە ئەزاسى بولغان بىر قىسىم ئۆلگەن كىشىلەرنى كۆندۈرۈش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 2014-يىلدىن باشلاپ، دەپنە ئىسلاھاتى خىتاينىڭ يۈننەن ۋە جياڭشى قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ يىل ئۈرۈمچىدە كاتتا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى تەسىس قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنىپ، مەزكۇر ئىسلاھاتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ تېز ۋە جىددىي يولغا قويۇلىدىغانلىقىدىن شەپە بېرىلگەن ئىدى.
بىز كۇچاغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات سورىدۇق. ئالاقىدار ساقچى خادىمى كۇچانىڭ خانىقاتام يېزىسىنىڭ ئۈستۈن سايئېرىق، تۆۋەندە سايئېرىق ۋە بازار كەنتلىرىدە جەسەت بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت قۇرۇلۇشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
كۇچا ناھىيىسىدىكى ساقچى ساقچى خادىمى سېلىنىۋاتقان قەۋەتلىك زاراتگاھلىقنىڭ ئۈستىدە تاختاي بارلىقى، ئاستىغا سېمونت قاتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما ئۇ بۇ زاراتگاھلىقنىڭ سېمونت ۋە تاختايدىن قىلىنىدىغانلىقى ۋە قەۋەتلىك قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
خىتاي تورلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسى دەپنە ئىسلاھاتىنى 2020-يىلىغا قەدەر 100 پىرسەنت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولۇشنى بۇيرۇغان. بۇيرۇقتا كوللېكتىپ زەرەتگاھلىق بەرپا قىلىش، جەسەتلەر كۆيدۈرۈلۈش ۋە بىر كىشىلىك جەسەت كۈلى ئۈچۈن 1 كۋادرات مېتىردىن ئوشۇق يەر ئايرىماسلىق شەرت قىلىنغان.
كۇچادىكى ساقچى خادىمى خانىقاتام بازار كەنتىدە قۇرۇلۇۋاتقان بۇ قەۋەتلىك زاراتگاھلىقنىڭ كۆلىمىنىڭ بىرقانچە مو ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەمما بۇ زاراتگاھلىقنىڭ قانچىلىك كىشى ئۈچۈن پىلانلانغانلىقى، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن قانچىلىك ئورۇن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
بىز ئىلگىرى خوتەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا بۇ جايلاردا بۇلتۇردىن باشلاپ دەپنە مۇراسىمى ئورنى قۇرۇلۇۋاتقانلىقى، بۇ ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىقى مېيىت ئۇزىتىش ئىشلىرىغا نازارەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. كۇچا خانىقاتامدا قۇرۇلغان بۇ قەۋەتلىك زەرەتگاھلىق، يەنى سېمونت يەرلىك ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلۇۋاتقان دەپنە مۇراسىمى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ خىتاينىڭ قىلغان دەپنە ئىسلاھاتى لايىھىسىنى ئۇيغۇر رايونىدا ئەينەن ئىجرا قىلىش ئىكەنلىكىدىن ئىشارەت بەرمەكتە.