غۇلجا ناھىيىسىدە مۇئاۋىن ھاكىمنىڭ مەسچىتتە كۈرەش يىغىنى ئېچىشى ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.02.28
ghulja-meschit-kuresh-yighini.jpg ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ 26-فېۋرالدىكى سانىغا چاپلانغان، غۇلجىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى توسۇش توغرىلىق ئۇقتۇرۇشى.
uighurbiz.net

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان غۇلجا ناھىيىسىدە مەكتەپ بالىلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىقى ھەققىدە بىر قاتار ھۆججەت بەلگىلىمىلەر تارقىتىلغان. بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى ناھىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلغان.

بولۇپمۇ يېقىندا ناھىيىدە يۈز بەرگەن مەسچىتتە ئېلىپ بېرىلغان خەتمە-قۇرئانغا بالىلار قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، ناھىيىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمىنىڭ مەسچىتتە يىغىن ئېچىپ، ياشانغان دىنىي زاتلارنى قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىشى، ناھىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نارازىلىق كەيپىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ 26-فېۋرالدىكى سانىدا، 7-فېۋرال كۈنى غۇلجا ناھىيىسىدىكى مەلۇم مەسچىتتە ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي پائالىيەتكە بالىلار قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن، مەسچىتتىكى دىنىي زاتلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە تورداشلار ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغىغان. رادىئومىز غۇلجا ناھىيىسىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئىككى يىلدىن بۇيان ھاكى ئىسىملىك مۇئاۋىن ناھىيە ھاكىمى دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل قىلىنغاندىن بۇيان غۇلجا ناھىيىسىدىكى ھەر خىل دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ كۆپىيىپ، نۆۋەتتە ناھىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈشى تەسكە توختايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكى ئۈچۈن ناھىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

بىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن، غۇلجا ناھىيىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەن، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان غۇلجا ناھىيىسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان بىر قاتار دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ ناھىيىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىملىرىدىن ھاكى ئىسىملىك كىشىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا، باشقا ناھىيىلەرگە قارىغاندا قاتتىق قوللۇق بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كىشى مۇنداق دېدى:
«شۇنداق، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان غۇلجا ناھىيىسىدە دىنىي ئېتىقادقا قارىتىلغان چەكلىمىلەر قاتتىق بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىملىرىدىن ھاكى ئىسىملىك كىشى ناھىيىدىكى خەلق ئىشلىرى ۋە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىنغاندىن بۇيان، غۇلجا ناھىيىسىدە دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان چەكلىمىلەر ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ھەسسىلەپ كۈچەيتىلدى. غۇلجا ناھىيىسىدە ئىلگىرى نورمال دىنىي پائالىيەتلەر دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان ئۆي-ئۆيلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەۋلۇت ئوقۇتۇش، خەتمە-قۇرئان قىلىش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى ھازىر ئاۋۋال ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن بەلگىلەنگەن مەسچىتلەردە ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىندى. يېزا، كەنت، مەھەللىلەردە مەخسۇس كادىرلار بەلگىلىنىپ، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، رومال ئارتقان ئاياللارنى، 50 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ساقال قويۇۋالغان ئەرلەرنى، 18 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ مەسچىتكە كىرگەن بالىلارنى تىزىملاشقا مەسئۇل قىلىندى. ھازىر جۈمە كۈنىدىكى نامازدا مەسچىت ئالدىدا مەخسۇس ساقچىلار تۇرۇپ مەسچىتكە كىرگەنلەرنى تەكشۈرىدۇ.»

بۇ كىشى 7-فېۋرال كۈنى مەسچىتتە يۈز بەرگەن «كۈرەش يىغىنى» ھەققىدە مۇنداق دېدى:
«7-چېسلا مەسچىتتە ئۆتكۈزۈلگەن خەتمە-قۇرئان ئەسلى مېيىت يەرلىكىگە قويۇلغاندىن كېيىنكى 40 كۈن ئىچىدە، ھەر پەيشەنبە جامائەتكە بېرىلىدىغان قۇرئان تىلاۋىتى ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۇرۇق-تۇغقان، قوشنا-قۇلۇملارنىڭ بالىلىرى قاتناشقان بولسا كېرەك. ئەمما ناھىيىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمىنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا، مەسچىتكە باستۇرۇپ بېرىپ، كۈرەش يىغىنى ئېچىپ، ئاشۇ دادا يوللۇق ئاقساقاللارنى قاتتىق گەپلەر بىلەن ئەيىبلىشى ھەقىقەتەن ئادەم ئىشەنمىگۈدەك بىر ئەھۋال. بۇنداق ئىشنى ئاشۇ «بۆكىنى ئال دېسە، بېشىنى ئېلىپ كېلىدىغان ھاكىدىن باشقا ئادەم قىلمايدۇ!»

ئىگىلىشىمىزچە، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ھاكى بۇ يىل 55 ياشلاردا بولۇپ، ئەسلى يېزا كادىرلىقىدىن ناھىيىگە ئۆستۈرۈلگەن. ياشلىق دەۋرىدە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىنكى يىللاردا ئاكتىپلىقى بىلەن كەنت باشلىقلىقىدىن ئۆسۈپ چىققان بۇ يېزا كادىرى، يۇقىرى مەلۇماتى بولمىسىمۇ خىزمەتتە ئاكتىپ،كىشىلەرگە زىيادە قاتتىق قول بولۇشى سەۋەبلىك، ھاكى توغرۇلۇق گەپ بولغىنىدا، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمىنى ئاتىماي،«ھاكى قارا قورساق»، «ھاكى قوتۇر ئاكتىپ»،«بۆكىنى ئېلىپ كەل دېسە، بېشىنى ئېلىپ كېلىدىغان چاپارمەن» دېگەندەك سۈپەت سۆزلىرىنى قوشۇپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن ئىكەن.

رادىئومىز ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىنمۇ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان غۇلجا ناھىيىسىدە دىنىي ئېتىقادنى چەكلەيدىغان ھەر خىل ھۆججەت-بەلگىلىمىلەر تۈزۈپ چىقىلىپ، قاتتىق ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. 2012-يىلى 8-ئاۋغۇست رامزان مەزگىلىدە غۇلجا ناھىيە ساميۈزى يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارقىتىلغان «ئوقۇغۇچىلار مەسچىتتە ناماز ئوقۇسا مەكتەپ جازالىنىدۇ» دېگەن ھۆججەت؛ بۇ يىل قىشلىق تەتىلدىن ئىلگىرى تارقىتىلغان«ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ مەسچىتكە كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توختامنامىسى» قاتارلىقلاردا، غۇلجا ناھىيىسىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى ئومۇميۈزلۈك چەكلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.