ئايىشە نورىكو: «مەن پەرغانە ۋادىسىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدا كۆرگەن ئۇيغۇرلار»

0:00 / 0:00

ھازىر قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپتە ياپون تىلىدىن دەرس بېرىۋاتقان، ياپونىيىلىك مۇسۇلمان قىز ئايىشە نورىكو ھەسەن ياپونلارنىڭ تور بېتىدىن بىرى بولغان ياپونچە «ياپون مۇسۇلمان دوستلار» تور بېتىدە 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆزىنىڭ يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ ئوشتىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ چاغاننى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان تەسىراتىنى بايان قىلىپ «پەرغانە ۋادىسىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدا مەن كۆرگەن ئۇيغۇرلار» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر تور بېتىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

ئايىشە نورىكو ھەسەن ماقالىسىدە 2-ئاينىڭ 7-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، ئۆتكەن يىلى قىرغىزىستاندا قۇرۇلغان كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزگەن پائالىيىتى داۋامىدا، بىر مۇسۇلمان قىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا قاتناشقان ئوشتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، مەزكۇر تور بېتىدىكى ياپون مۇسۇلمانلىرى بىلەن پىكىرلەشكەن. ماقالىدە ئايىشە نورىكو ھەسەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۈچلۈك ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق مەزكۇر سورۇنغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەنقىدلىگەن.

ئايىشە نورىكو ھەسەن ماقالىسىدە مۇنداق بايان قىلغان:

2-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پەرغانە ۋادىسىغا جايلاشقان قىرغىزىستاندىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر ئوشتىكى قۇرۇلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ زىياپەت زالى ئوشتىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار، چەتئەللىكلەر ۋە بىر قىسىم خىتاي كارخانىچىلىرى بىلەن لىق تولغان ئىدى. كونسۇلخانىنىڭ باش كونسۇلى ئېچىلىش مۇراسىمىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ تۇنجى قەدەمدە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا بۈگۈنكى باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. باش كونسۇل قىرغىزىستاندا ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنىمۇ تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى دۆلەت سىياسىتى، ئىقتىسادى ۋە باشقا جەھەتلەردە قازانغان ئۇتۇقلىرىنى ماختاش بىلەن بىرگە، ئوشتىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ مەقسىتى بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بىلەن ئورتاق دوستلۇق ئورنىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. باش كونسۇل سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئوشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا، بىخەتەرلىكىگە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا ھەسسە قوشۇشقا تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ چاغانلىق زىياپىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئوشتىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، بىلدۈردى. ئارقىدىن يەنە بىر ئۇيغۇر يىگىت قىرغىزىستاندا قۇرۇلغان كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تىلىنى پىششىق ئۆگىنىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. بەستلىك كەلگەن بۇ ئۇيغۇر يىگىت ئۆزى گەرچە چەتئەلدە بولسىمۇ، ئەمما ھەمىشە ئۆزىنى خىتايلار بىلەن ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك، قېرىنداشلاردەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەن پەقەتلا چۈشەنمىدىم، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار بىر ئائىلە كىشىلىرى بولىدۇ؟ ئۇيغۇرلار تىل، مەدەنىيەت، جۇغراپىيىۋى جەھەتتىن خىتايدىن پەرقلىق بولغان بىر مىللەت. بۇنى پۈتكۈل دۇنيا بىلىدۇ. زىياپەتكە قاتناشقان بۇ ئۇيغۇرنىڭ شۇ دەرىجىدە سۆزلەپ، خىتايلارغا خۇشامەت قىلىپ كېتىشىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە ئىسلامى روھلىرى ئۆلگەن ئۇيغۇرلارمىدۇر؟ يا، رەببىم، بۇ بەندىلەرگە ئەقىل بەرمىگەنمىدىڭ؟!

ھازىر قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى روزى مەمەت ھاجىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە قىسقىچە توختالدى.

ئاپتور ماقالىسىدە قىرغىزىستاندىكى يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردە تولىمۇ خەۋپ ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى يەنى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ قانۇن ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قاقتى- سوقتى قىلالايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى خالىسا تېررورچى دېگەن قالپاق بىلەن ئاسانلا قولغا ئېلىپ،تۈرمىلەرگە تاشلاش ھوقۇقىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بەدىلىگە خىتايدىن كۆپلىگەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە يەنە ئەينى يىللاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپ، خىتاينىڭ بۇيرۇقى بىلەن قىرغىزىستان قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تېررورچى دېگەن بەتناملار بىلەن قولغا ئېلىنىپ، كېسىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قۇياش نۇرىنى كۆرەلمەستىن تۈرمىلەردە ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇزۇن يىللار تۈرمىگە قامالغان ئوبۇلقاسىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ تۈرمىدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولسىمۇ، ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەي ئاخىرى تۈرمىدە قازا قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئايىشە نورىكو ھەسەن ماقالىسىنى مۇنداق داۋام قىلغان:

ئاللاھغا شۈكرىلەر بولسۇنكى، مەن ھازىرغىچە بىر ياپون بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا رۇسلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، ھازىر رۇسىيە ئىشغالىيىتىدىكى كۇرېل ئاراللىرىغا ساياھەتكە بارمىدىم. ياپونلاردىن كىمىكى بۇ ئاراللارغا زىيارەتكە بارسا، رۇسلارنىڭ ئىشغالىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان، ۋەتەن خائىنى بولىدۇ. ئاللاھغا شۈكرىلەر بولسۇنكى، مەن بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىسرائىلىيىگە زىيارەتكە بارمىدىم.

ئۇيغۇرلار شۇنداق ۋاقىتتا ھەقىقىي مۆمىن ۋە ھەقىقىي ئاللاھ سۆيگەن ئىنسان بولالايدۇكى، ئۇلار قىلىۋاتقان ھەر قانداق ئىشىدا ئاللاھ بېشىمدا تۇرۇپتۇ، مېنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ، بىلىپ تۇرۇپتۇ، دېگەننى چوڭقۇر چۈشەنگەندە، ئۆزىنىڭ نەپسانىيىتى، شەخسىيىتى ۋە ۋەسۋەسىدىن خالى ھالدا ئاللاھ رازى بولىدىغان، خەلقىگە ئەڭ پايدىلىق بولغان ئىش پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۆزىنى ئاتا قىلالايدۇ. ئۆزىگە-ئۆزى «مىزان-قانۇن» بولالايدۇ. ئۆزلۈكىدىن نېمىنىڭ دۇرۇس يول، نېمىنىڭ ھەقىقىي كۈرەش ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. مانا مۇشۇنداق ئۇيغۇرلار توپى ھەقىقىي غەلىبە قىلغۇچىلار ۋە مەڭگۈ يېڭىلمەيدىغانلاردۇر.

ئايىشە نورىكو ھەسەن ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

غۇرۇرىنى يوقاتقان مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇش ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ. خىتاي ئاسسىمىلىياتسىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاچانىكى غۇرۇرى مەنپەئىتىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن، شۇ كۈنى ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنى ئازاد بولىدۇ.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.