نورۋېگىيەدە بىر جۈپ ياشنىڭ نىكاھى جۇمھۇرىيەت كۈنىدە ئوقۇلدى
2013.11.13

12 - نويابىر كۈنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىتى ئۆتكۈزدى.
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە 1933 - يىلى ۋە 1944 - يىلى 12 - نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە مەغلۇپ بولۇش تارىخى سۆزلەندى، ئىنقىلابى قۇربانلار ئەسلەپ ئۆتۈلدى شۇنداقلا جامائەت ۋەكىللىرى نۇتۇق سۆزلەپ، شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمىقۇرئان ئوقۇدى.
ئۇيغۇر ئىسلام مەسچىتىنىڭ ئىمامى تۇرغۇنجان قارىم مۇنداق نۇتۇق سۆزلىدى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئاياللار ئىشلىرىغا مەسئۇل رەئىسى زۇلپىيە خانىم ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە ئۆزى يېزىپ كەلگەن نەسرى ئەسىرىنى ئوقۇپ بۈگۈنكى پائالىيەتكە كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدى.
كومىتېتنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل رەھبىرى پەرھات ياقۇپ ئەپەندىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ 9 - نويابىر كۈنى گجۆۋىك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە مۇنداق توختالدى:
12 - نويابىردىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخى ئەھمىيىتىنى زور بىلگەن ۋە چۈشەنگەن بىر جۈپ ياش بۈگۈنكىدەك تارىخى ئەھمىيەتلىك كۈننى ئۆزلىرىنىڭ نىكاھ قىلىدىغان كۈنى قىلىپ تاللاپ پائالىيەتكە يېڭى مەزمۇن قوشتى.
بۇ بىر جۈپلەرنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى مۇنداق ئىزھار قىلدى.
بىز يەنە يېڭى كېلىن زۇبەيدە قىزنىڭ ئاپىسى ۋە بۈگۈنكى پائالىيەتكە كەلگەن خانىملارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئاڭلىدۇق.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلغان نىكاھ چېيىنىڭ ئاخىرى بارلىق شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش ۋە بۇ بىر جۈپ ياشقا بەخت تىلەشلەر بىلەن كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتى.