باراك ئوباما بالتىموردىكى مەسچىتنى زىيارەت قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 3 - فېۋرال كۈنى ئامېرىكىنىڭ بالتىمور شەھىرىدىكى مەسچىتنى زىيارەت قىلدى. باراك ئوباما 47 يىللىق تارىخقا ئىگە مەسچىتتە سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەممە مىللەت، ھەممە دىن ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان جايلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى كېسىپ ئېيتىمەنكى، سىلەر بۇ يەرگە تەۋە. سىلەر ئامېرىكىنىڭ بىر پارچىسى. سىلەر ھەم ئامېرىكىلىق ھەم مۇسۇلمان» دېدى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ھەر ساھەسىدە رول ئېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتىغا بۈگۈنگىچە قوشۇپ كەلگەن تۆھپىلىرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

باراك ئوباما سۆزىدە يەنە، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلارغا قارىتا باش كۆتۈرۈۋاتقان بەزى خاتا كۆز قاراشلارنى، شۇنداقلا دونالد ترۇمپقا ئوخشاش بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سايلام رىقابىتى جەريانىدا مۇسۇلمانلار ھەققىدە قىلىۋاتقان سەلبىي سۆزلىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە «بىز بۇنداق مۇتەئەسسىپلىكلەرگە قاراپ تۇرساق بولمايدۇ. بىز ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق بىر ئېتىقادنى قوغدايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بىز ئامېرىكىنى تېررورلۇقتىن قوغدايمىز، دەپ تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىدىيەلىرى ۋە سەپسەتىلىرىنى مۇستەھكەملەپ بەرسەك بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ شۇنداقلا يەنە، دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن كېيىن دۇنيادا مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان بەزى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەر بولغانلىقىنى، جۈملىدىن بۇنىڭ ئامېرىكا ئىچىدىمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ئىنتايىن خاتالىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «بۇ، ئامېرىكىغا، ئامېرىكىلىقلارغا يارىشىدىغان ھەرىكەتلەر ئەمەس» دېدى ۋە ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى مەيلى ئۇ قايسى مىللەت ۋە قايسى دىندىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز - ئارا كەڭ قورساق بولۇشقا، بىرلىشىشكە چاقىردى.

س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇنىڭدىن ئىلگىرى باشقا ئەللەردىكى مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلغان، بىراق بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا ئىچىدىكى بىر مەسچىتنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكا مۇسۇلمان ئادۋوكاتلار جەمئىيتىنىڭ باشلىقى فەرھانە خېرا س ن ن گە قىلغان سۆزىدە، باراك ئوبامانىڭ زىيارىتىنىڭ ئىنتايىن ۋاقتىدا قىلىنغان زىيارەت بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ «ئوبامانىڭ زىيارىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا قۇرۇلغاندىن بۇيان بۇ دۆلەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە سالىدۇ» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئوباما بالتىمور شەھىرىدىكى مەسچىت زىيارىتى داۋامىدا 12 نەپەر مۇسۇلمان لىدىرى بىلەنمۇ ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇلار ئوقۇغۇچىلار، پائالىيەتچىلەر، قۇرئان تەتقىقاتچىلىرى ۋە دوختور قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.