قازاقىستاندا ھىجاب كىيىش مەسىلىسى يەنە تالاش - تارتىش قوزغىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.04.19

قازاقىستاندا ھىجاب كىيگەنلەرگە نىسبەتەن ئىككى خىل كۆز قاراشنىڭ شەكىللەنگەنلىكى ھەققىدە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا. ھازىر قازاقىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي باشقارمىسى ۋە مەملىكەتنىڭ بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدا ئەنە شۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت.

«سېنتىر ئاسىيا» دا ئېلان قىلىنغان گۈلمىرا مەتخالىقوۋانىڭ «ياغلىق شىلتىدى. قازاقىستاندا ئالاھىدە بىر ئەھۋال شەكىللىنىپ، مەكتەپ ۋە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھىجابنى يېشىشتىن قەتئىي باش تارتماقتا» دېگەن ماقالىسىدە دىنىي باشقارمىنىڭ باش مۇپتىسى ئېرجان ھاجى مالغاجى ئوغلى ئېلان قىلغان پەتىۋانىڭ دىققەتتىن سىرت قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، ھىجاب كىيىشنى قوغدايدىغان بۇ پەتىۋا نورۇز بايرىمى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنغانلىقتىن ئۇنىڭغا كۆپچىلىك ئېتىبار بەرمىگەن. پەتىۋادا دەرسكە كىرگەن ھەر قانداق بىر كىشىگە ياغلىق ياكى باشقىمۇ باش كىيىم كىيىشنى مەنىي قىلىشنىڭ قانۇنىي دىنىي پائالىيەتنى چەكلىگەنلىك، شەخسىيلەرنىڭ گراژدانلىق ھوقۇقلىرىنى بۇزغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بىلىم ئىدارىسىنىڭ ۋەكىلى جانىل جونتايېۋا بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ، «بىلىم توغرىلىق قانۇن» تەلەپلىرى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەلگىلىمىدە بەكىتىلگەن مەكتەپ كىيىمىنى ساقلاش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

قازاقىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي باشقارمىسى مەركىزىي مەسچىتىنىڭ مەخسۇس «ئەزەن كز» تور بېتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ياغلىق تېڭىش ھوقۇقىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭ مەملىكەت قانۇنلىرىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. «تېنگرىنيۇس ئاگېنتلىقى» بۇ ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ ئۆتۈنىشىگە بېنائەن مەزكۇر پەتىۋانىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان. ئۇنىڭدا مۇسۇلمان ئايال كىشىلەرنىڭ كىيىم كىيىش قائىدىلىرى چۈشەندۈرۈلگەن. دىنىي باشقارما شەرىئەتكە مۇۋاپىق كېلىدىغان نىقابسىز كىيىم كىيىشنى توغرا دەپ تېپىپ، ئەرەب، پاكىستان ئىستىلىدىكى كىيىمنى تەكرارلاشنىڭ شەرت ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن، ئەڭ ئالدى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى ياپىدىغان ئەنئەنىۋىي كىيىملەرنى كىيىش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭدا شۇنداقلا ياغلىق تېڭىش ھوقۇقىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ شەخسىيلەرنىڭ دىنغا بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدىغان گراژدانلىق ھوقۇقى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي باشقارمىسى ئىشخانىلار ۋە ئوقۇش ئورۇنلىرى رەھبەرلىرى تەرىپىدىن كۆرسىتىلىۋاتقان مۇنداق چەكلىمىلەرنى قانۇنسىز دەپ ھېسابلىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنلىرى پېشقەدەم ئۇستاز مەملىكەت ئالىموۋا ۋە ئاسىيەم تۇردىيېۋا بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.