د ئۇ ق باياناتچىسى: «ساقال قويۇش رادىكاللىق ئەمەس، خىتاينىڭ ساقال قويدۇرماسلىقى دەل رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.03.30
mekit-kolliktip-sot.jpg 22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا تېررورچى قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، مەكىت ناھىيىسىدە ئېچىلغان كوللېكتىپ سوت مەيدانىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 10-ئىيۇن.
Oqurmen teminligen

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا غەيرىي رەسمىي ھالدا يولغا قويۇپ يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىنى چەكلەش ۋاسىتىلىرىنى بۇ يىلدىن باشلاپ «ئاممىۋى سورۇنلاردا نىقاب شەكلىدىكى كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» ئارقىلىق رەسمىي قانۇنلاشتۇرغان ئىدى. بەلگىلىمىدە، يۈزىگە چۈمبەل تاقىغان ئاياللار، جىلباب كىيگەنلەر، ئىسلامىي يوسۇندا ئوشۇقىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كەمزۇل كىيگەنلەر، كىيىملىرىدە ئاييۇلتۇز بەلگىسى بارلار، ياش تۇرۇپ قويۇق ساقال قويغانلار قاتارلىق «5 خىل كىشىلەر»نىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈرۈشى چەكلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي كىيىملەرنى كىيىشنى مەنىي قىلىشىنى قانۇنلاشتۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

يېقىندا قەشقەر شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ 38 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئەرگە ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن 6 يىللىق، ئۇنىڭ ئايالىغا جىلباپ كىيگەنلىكى ئۈچۈن 2 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر، دۈشەنبە كۈنى بارلىق چوڭ ‏- كىچىك تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل چەكتىن ئاشقان قىلمىشى قاتتىق ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى تاراتقۇلاردىن مەزكۇر خەۋەرنى دەرھال ئۆچۈرۈۋەتكەن.

خەلقئارالىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى «جۇڭگو ياشلار گېزىتى»خەۋەردىن نەقىل ئېلىشىچە «38 ياشلىق مەمتىمىن 2010-يىلىدىن بۇيان ساقال قويغان، ئۇنىڭ ئايالى ئورىنىپ روپاش ئارتقان. كەنت كادىرلىرى بىلەن قەشقەر شەھەرلىك سىياسىي قانۇن خادىملىرى كۆپ قېتىم ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەر-ئايال ئىككىسى پەرۋا قىلمىغان. مەمتىمىن ۋە ئۇنىڭ ئايالى دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، ئاممىۋى سورۇنلاردا ساقال ۋە روپاش بىلەن يۈرگەنلىكى ئۈچۈن قانۇن بويىچە جازا بېرىلدى.» دېيىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف ۋاشىنگتوندىن رادىئومىزغا بايانات بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا رادىكال، ئەسەبىي سىياسەت قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدىكى بۇ كىشىلىك ھوقۇق سەتچىلىكى پۈتۈن دۇنيانى قاپلىدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدىكى باستۇرۇشلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەسەبىيلىك بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىقلىرىنىڭ ھەقلىق كۈرەش ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ دەۋايىمىزنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتتى.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» كۈرىشى يېقىنقى ئىككى يىلدا تېخىمۇ كۈچەيگەن.

28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پاسوندىكى كىيىنىشىگە قارىتا قانۇنىي بەلگىلىمە تۈزۈپ چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە يېڭىدىن 18 ماددا قوشۇلۇپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى» 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىدا تۈزىتىلىپ ماقۇللاندى ۋە 2015-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان ئىدى.

ئارقىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا نىقاب شەكلىدىكى كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»نى 2-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر ئۇيغۇر رايونىدا زوراۋانلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ھەم دىنىي ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان.

بۇ يىل يانۋار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت ئېلان قىلغان 2014-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىدىن نەقىل ئېلىنىپ، بۇلتۇر ھەرقايسى تارماق سوت مەھكىمىلىرى بىر تەرەپ قىلغان دېلولارنىڭ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى، دىنىي رادىكاللىق، قورال ۋە پارتلاتقۇچ بومبا ياساش، چېگرانى بۇزۇپ قېچىش قاتارلىق ئاتالمىش «تۆت خىل جىنايەت» كە مەركەزلەشكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتى رايوندىكى نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ، ئادالەتسىز سوت ئارقىلىق ئۇلارغا ئېغىر جازا بېرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دەل مۇشۇ خىل ئادالەتسىز چەكلىمىلەر سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدا قانلىق ۋەقەلەرنىڭ توختىماي يۈز بېرىۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادالەتسىز سىياسەتلىرىنى قانۇنلۇق قىلىش غەرىزىدە، دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى رەسمىي قانۇن چىقىرىپ كەڭ - كۆلەمدە ئەسەبىيلىك بىلەن قاتتىق چەكلەش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى سەۋەبلىك كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىك ۋە يىرىكلىشىشىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋاتىدۇ.

دۈشەنبە كۈنى نۇرغۇنلىغان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىيىنىش، يۈرۈش-تۇرۇش چەكلىمىسىنىڭ ئاللىقاچان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدىن ھالقىپ، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تۈزگەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنىمۇ بۇزۇش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقان مەدەنىيەت-ئېتىقاد چەكلىمىلىرىنىڭ ئەندىشە قوزغايدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.