مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغان ئادەم ھەج قىلدى

0:00 / 0:00

مۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى گوللاندىيەدە بۇندىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن سىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەت ھەجۋى فىلىم ئىشلىگەن ئاندرۇفان ئىسىملىك بىر سەخسنىڭ نامى چىققان ۋە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇغان ئىدى.

2013-يىلى فېۋرال ئېيىدا ئۇ كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سورىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.

بۇ قېتىم ئۇ كىشىنىڭ ھەج پەرزىنى ئادا قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ گېزىتلىرىدە بۇ ماۋزۇدا كۆپ ماقالىلەر يېزىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ماۋزۇ ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈرك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھافىز ھاجىمغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ئابدۇلئەھەد ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدىلئەھەد ھافىز ھاجىم مۇنداق دېدى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلەپ ھەجۋى فىلىم ئىشلىگەن گوللاندىيەلىك ئاندرۇفان ئىسىملىك كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنىڭ خەۋىرىنى بەرگەن ئىدۇق. مانا ئەمدى شۇ كىشىنىڭ بۇ يىل ھەج قىلغانلىقىنى، مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ مۇقەددەس ئۇلۇغ جايلاردا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقنى يەتكۈزۈۋاتىمىز. ئاندروفان سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان ‹ئوكاز› گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، مەككە مۇكەررەمەگە كەلگەندىن بېرى كۆز ياشلىرى توختىمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھازىر ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ۋاقىتنى ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە كەلگۈسىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى تەسۋىرلەپ فىلىم ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە يىللاردىن بېرى ئارزۇلىغان نەرسىسىنى ۋە ئۆتمۈش ھاياتىدا ئىزدىگەن نەرسىسىنى ئىسلامدىن تاپقانلىقىنى، ئۆتكەن ھاياتىغا قارايدىغان بولسا، ئۆزىنى خۇددى بوران چاپقۇنلار ھەر تەرەپكە ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىرادىسىز بىر كىشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئىستىغفار ئېيتىش، دۇئا قىلىش، ئۆتمۈش ھاياتىدىكى خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىشىنى ئاللاھ تائالادىن تىلەش ئۈچۈن ھەجگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.»

ئاندرۇفاننىڭ ئارزۇسى

ئابدۇلئەھەد ھافىز ھاجىمنىڭ يىتىشىچە، ئاندروفان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ئوكاز» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن:
«بۇ مېنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بىرىنچى قېتىم كېلىشىم ئەمەس، مەن ئۆتكەن فېۋرال ئېيىدا ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن، بۇ ئۇلۇغ جايلارنى زىيارەت قىلىپ كۆڭلۈم شۇنداق سۆيۈنگەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرە يېنىدا كۆڭلۈمنىڭ ئارام تاپقانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. ئائىلەم ۋە ئىشىم سەۋەبلىك رەسۇلۇللاھنىڭ قەبرىنىڭ يېنىدا ياشاشتىن مەھرۇم بولدۇم. مەن ئەسلىدە گوللاندىيەدە ئىسلامنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان رادىكال پارتىيە ئەزاسى ئىدىم، ئۆزۈم كۆپ ئوقۇيدىغان ۋە كۆپ تەتقىق قىلىدىغان ئادەم بولغانلىقىم ئۈچۈن ئوقۇش جەريانىدا ئىسلامنى تونۇدۇم ئاللانىڭ قەلبىدە ئىمان نۇرىنى يورۇتۇشى بىلەن مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ئېلان قىلدىم ۋە مۇسۇلمانلاردىن بولدۇم. مانا ئەمدى پەرز ھەجنىمۇ ئادا قىلدىم. مېنى بۇ ئېسىل دىنغا ھىدايەت قىلغان رەببىمگە كۆپ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئۇنىڭغا كۆپ شۈكۈر ئېيتىمەن.»