ئۇيغۇرلاردىكى ھىجرەت سەپەرۋەرلىكى ۋە ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە بىر قانچە ئون يىل ئىشلىگەن ۋە ھازىر مۇستەقىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئابدۇئەھەد ھاجىم بىلەن مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى دارۇلھەدىس بىلىمگاھىدا ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بىرگە سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئىشلەپ كېلىۋاتقان ياسىن ھاجىم ئىككەيلەنگە مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
ياسىن ھاجىم مۇنداق دېدى:
«ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرىتىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدىكى ھىجرەتكە سېلىشتۇرۇپ ئاندىن بىر نەرسە دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇرۇن مەككىدە مۇشرىكلەر مۇسۇلمانلارنى ئىماندىن ياندۇرۇش يولىدا ۋەھشىي ئۇسۇللاردا قىينايتتى ۋە ئۆلتۈرەتتى. ئەمدى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا زۇلۇم بار، ھەقسىزلىق بار. ئەمما بۇنى دەپ ۋەتەننى تاشلاپ چىقىپ كېتىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىنى كىملەرگە تاشلاپ بېرىدۇ ۋە ئۆزلىرى نەگە بارىدۇ؟ قايسى دۆلەت ئۇلارنى، سىز جاپا تارتىپسىز،كېلىڭ، سىزنى قارشى ئالىمىز دەپ قوبۇل قىلىدۇ؟ بۇ ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتەننى ياتلارغا تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كەتكىنىدىن كۆرە، سەۋر قىلىپ ئۆز ۋەتىنىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشى ئەۋزەل. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدىكىدەك مۇسۇلمانلارنى ھىجرەت قىلىپ بارسا قوبۇل قىلىدىغان، جېنىغا ۋە مال-مۈلكىگە كاپالەتلىك بېرىدىغان بىرەر دۆلەت بولمىسا، ئۇلار ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ نەگە بارىدۇ. چەتئەللەرگە بىزدەك ھىجرەت قىلىپ چىققانلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىمامدۇ، ھازىرغىچە يىگىرمە يىلدىن بىرى بىرەر دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىنى ئالالماي يۈرگەن ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ كۆپ. شۇڭا مۇسۇلمان دېگەن ھېكمەتلىك ۋە تەدبىرلىك ئىش قىلىشى كېرەك.»
ئابدۇلئەھەد ھاجىم مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىشى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن باشلانغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن ئىكەن. كېيىن 55-يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ كېتىپتۇ. ئارىدا يىگىرمە يىلدىن كۆپرەك چېگرا تاقالغان بولۇپ، 80-يىللاردىن كېيىن يەنە چەتكە چىقىش باشلاندى. بۇرۇن چەتئەللەرگە چىققانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ۋەتەن ئۈچۈن بىر ئىش قىلىمىز دېگەن ئۇلۇغۋار نىيەتتە چىققان بولسىمۇ، بارغان دۆلەتلەردىكى قىيىنچىلىقلار، مۇساپىرلىق دەردىدە ئۆز جېنىنى ئاران باققان. كۆزگە كۆرۈنگۈدەك ئىش قىلالمىغان، ھەتتا بالىلىرى نەدە بولسا شۇ دۆلەتنىڭ تىلىغا بېرىلىپ كېتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن. مەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا كۆپ كىشىلەرنى كۆردۈم. ئۇلارمۇ ھازىر چىقماقچى بولغانلاردەك ۋەتەننى دەپ، خەلقنى دەپ چىققان ئىكەن. ئەمما بىرەر ئىش قىلالمىغان. نۇرغۇنلىرى ۋەتەننىڭ ھەسرىتىدە يىغلاپ ئۆلۈپ كەتكەن بولدى. چەتئەللەردىكى ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا، ئەمدى ھازىر ۋەتەندىن ھىجرەت قىلىمىز دەپ چىققانلار نېمە قىلماقچى ۋە نېمە قىلالايدۇ؟ ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، ئۆزۈڭنىڭ ۋەتىنىنى تاشلاپ مۇنداق قارا تەۋەككۈلچىلىك بىلەن چەتكە چىقىپ كېتىش تەدبىرلىك بولۇش پرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن. ياشاپ كەلگەن ۋەتىنىڭنى تاشلاپ نېمىشقا چىقىسەن زادى؟»