شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيت نامىزىدا ۋەتىنىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئاتاپ دۇئا قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرمىز ئېھسان
2014.07.28
shiwetsiye-heyt-namaz.jpg شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيت نامىزىدا ۋەتىنىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئاتاپ دۇئا قىلدى. 2014-يىلى 28-ئىيۇل.
RFA/Ehsan

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىر كۈندە 28-چېسلا ئەتىگەندە روزا ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇدى.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سىتوكھولم شەھىرىدىكى رنكىبىي رايونىدا بىر مەسچىتكە ئۇيغۇرلارنى جەم بولۇپ روزا ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى.

تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 5 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالەتتە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ يىلدا كېلىدىغان ئىككى ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇپ، تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان 300دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ بىر يەردە جەم بولۇپ ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇشى، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا خۇتبە ئاڭلاش، دۇئا قىلىش ھەمدە بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەشتەك شارائىتلارنى ھازىرلاپ، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى.

روزا ھېيت نامىزىغا تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇم ئىماملىق قىلغان بولۇپ، ئۆمەر مەخسۇم ناماز خۇتىبىدا شەرقىي تۈركىستاندا ھەر خىل شەكىلدىكى چەكلىمىلەرگە ئۇچراش بىلەن بىرگە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سىستېمىلىق يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئىگە چىقىشنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ خۇتىبىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا ئاتاپ دۇئا بىلەن ئاخىرىلاشتۇردى.

نامازدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەشتى ھەمدە ئۆي-ئۆيگە كىرىپ ھېيت پەتىسى قىلدى. ئۆسمۈر بالىلارغا ھېيتلىق سوۋغا تارقىتىپ بېرىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇم ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھېيت نامىزى ئوقۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ھېيت نامىزىغا سىتوكھولم ۋە ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.