شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

2013‏-يىلى 15‏-ئۆكتەبىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت تەشكىللىگەن. پائالىيەت سىتوكھولمدىكى بىر كۇتۇپخانىدا ئېلىپ بېرىلغان. بايرام نامىزىدىن كېيىن، تەشكىلات رەھبەرلىرى تەبرىك سۆزى قىلغان.

مويسىپىت چوڭلار قىممەتلىك نەسىھەتلىرى بىلەن جامائەتلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان. كىچىك بالىلارمۇ ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ئۇيغۇرچە ۋە شۋېدچە شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلغان. پائالىيەت تەشكىللىگۈچى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بالىلارغا مۇكاپات ۋە سوۋغات بۇيۇملىرى تەقدىم قىلغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزدىن قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى نىجات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلقى بايرام پائالىيىتىدە، ئاياللارمۇ بايرام نامىزى قىلغان. نىجات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئاياللارنىڭ مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ساھەلەردىكى رولى ئەرلەرنىڭكىدىن كەم ئەمەسكەن. پائالىيەتكە قاتناشقان ۋە ئىشتىراكچىلارغا نومۇر كۆرسەتكەن كېچىك ئۆسمۈرلەر بولسا، ھەج ئىبادىتى ھەققىدە ئەمەلىي ماھارەت كۆرسەتكەن.