شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2016.08.12
shwetsiye-uyghur-mesjid-meschit-2016.jpg شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىدە پائالىيەت
RFA/Ihsan

شىۋېتسىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى»، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرقانچە يىلدىن بېرى باشقىلارنىڭ مەسچىتلىرىنى ئىجارىگە ئېلىش ئارقىلىق ئىككى ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇپ كەلگەن ئىدى.

تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن، شىۋىتسىيە پايتەختى سىتوكھۇلمغا قاراشلىق رىسنى رايونىدىكى مەركىزى يەردىن 200 كۋادىرات مېتىرلىق ئورۇننى ئىجارىگە ئېلىپ ئۇيغۇر مەسچىتىنى قۇرۇپ چىقتى.

12 - ئاۋغۇست كۈنى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مەسچىتىگە يىغىلىپ، مەسچىتىنىڭ ئېچلىشى مۇراسىمى بىلەن تەڭ جۇمە نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى.

ئۇيغۇر مەسچىتى ئىمامى ئۆمەر مەخسۇم جۇمە خۇتبىسىدا مەسچىت قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ مەسچىت قۇرۇش تارىخىنى تەپسىلىي ئاڭلاتتى.

ئۇ سۆزىدە، بۇ مەسچىت پەقەت ناماز ئوقۇشلا ئەمەس، بەلكى شىۋېتىسيەدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ دىنىي ۋە ئانا تىلىنى ئۆگىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ، نەزىر - چىراق قاتارلىق مۇراسىملارنى ئېلىپ بېرىش، ھەر جۇمە نامىزىدا ئۇيغۇر تىلدا خۇتىبە ئاڭلاش، رامىزاندا ئىپتار زىياپىتى بېرىش، ھەر ئىككى ھىيىت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلىغانلىقى، بۇ مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇشىغا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يېقىندىن ياردەمدە بولغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلدى.

بىز مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بۇندىن كېيىن قىلىشقا تىگىشلىك خىزمەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى مەسئۇلى ۋە ئۇيغۇر مەسچىتى ئىمامى ئۆمەر مەخسۇمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، شىۋېتسىيەدە مەسچىت قۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقىلىق ھاسىل قىلسا ھەر قانداق قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى باش كاتىپى ئابدۇللا كۆكيار ئۇيغۇر مەسچىتى ئارقىلىق، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى بىرلىك،ئىتتىپاقلىققا يېتەكلەيدىغان، ئۇيغۇر دىياردىكى زۈلۈملارنى ۋاقتىدا ئاڭلىتىدىغان مۇنبەر ھازىرلىغانلىقىنى بىلدۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.