ئۇيغۇرلارغا يىگىرمە مىڭ پارچە قۇرئان كەرىمىنى يەتكۈزگەن زات-شەيخ نىمەتۇللاھ غوجا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق قادىر
2013.03.07
nimetulla-ghoja.JPG توكيو ئوتسۇكا مەسچىتىدىكى تۈركىيىلىك دىنىي زات شەيخ نىمەتۇللا غوجا. 2013-يىلى مارت.
RFA/Qutluq

توكيودىكى ئوتسۇكا مەسچىتىدىن ھەر كۈنى يېقىملىق خۇش ئاۋاز ئەزىنى بىلەن توكيودىكى مۇسۇلمانلارغا ھەقىقەت ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ، ئۇلارنى نامازغا دەۋەت قىلىدىغان، توكيودىكى ئىسلام مەركىزىدە كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارغا تەبلىق، ياپونلارغا ئىسلامى دەۋەت ئېلىپ بارىدىغان يېشى توقسەنگە يېقىنلىشىپ قالغان، ئەمما ناھايىتى تېتىك خىزىر سۈپەت بىر بوۋاي بار. ئۇ بولسىمۇ تۈركىيىلىك دىنىي زات شەيخ نىمەتۇللا غوجادۇر. ھازىر مەككىدە ياشاۋاتقان ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى شەيخ نىمەتۇللا غوجا ھەققىدە بىز بىلەن پىكىرلەشتى.

ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتىسى ھېسابلىنىدىغان شەيخ نىمەتۇللا غوجا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ياپوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ھازىدار بولغان، شېھىتلەرنىڭ روھىغا كېچىلەپ قۇرئان ئوقۇپ دۇئا تىلاۋەت قىلغان. ئۇ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كېلىۋاتقان بىر دىنىي زاتتۇر. شەيخ نىمەتۇللا غوجا بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سىردىشىپ كېلىۋاتقان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاسىم ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.

1949-يىللى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى 1-كورپۇس خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى تەلتۆكۈس ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇ تۇپراقتىكى ئەسىرلەپ نۇر چېچىپ كېلىۋاتقان ئىسلامدىن ئىبارەت مۇقەددەس دىن، خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن ئاياق ئاستى قىلىنغان. مەدرىسىلەر تاقالغان، ئۆلۈمالار تۈركۇم-تۈركۈملەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، قۇرئان كەرىم،ھەدىس شەرىپلەر كۆيدۈرۈلگەن. ئىسلامدىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي ئېغىر دەپسەندە قىلىنغان. 1978-يىلى يولغا قويۇلغان خىتاينىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 46-ماددىسىدا پۇقرالارغا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بېرىلگەن. شۇندىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىدە مەلۇم دائىرىدە مەسچىتلەر ئېچىلىپ، ئىسلامى ئىلىملەرنى تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنغان.

خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدىن ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاننى ۋاسىتە قىلغان ھالدا، 1980-يىلىدىن باشلاپ تۇنجى تۈركۈمدە خىتايدىكى مۇسۇلمان دىنىي ئۆلۈمالاردىن ھەج ئۆمىكى تەشكىللەپ پاكىستان ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەجگە ئەۋەتىدۇ. مانا شۇ قېتىمقى خاسىيەتلىك ھەج پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر دىنىي ئۆلۈماسى، قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى قاسىم قارىھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى كۆپلىگەن ئۆلۈمالار بىلەن ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسلام ئىلىملىرىگە، ئىسلامى كىتابلارغا كۆپلەپ مۇھتاجلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۆتۈنىدۇ. دەل شۇ ھەج كۈنلىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى رابىدىل ئەل-ئىسلام يەنى دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ مىنادا ئورۇنلاشتۇرغان بىر قېتىملىق دىنىي ئالىملار سۆھبەت زىياپىتىدە قاسىم قارىھاجىم مەككە مۇككەرەمەدىكى مەسچىتلەردە ئىماملىق ۋە تەبلىق قىلىۋاتقان تۈركىيىلىك دىنىي زات شەيخ نىمەتۇللا غوجا بىلەن ئۇچرىشىدۇ ۋە شەيخ نىمەتۇللا غوجىغا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرئان كەرىمىدىن ئىبارەت مۇقەددەس ئىسلام دىنىنىڭ كىتابىغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، تېخىچە قۇرئان كەرىمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلىنمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شەيخ نىمەتۇللا غوجىنى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشقا، تەبلىق ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ ھەقتە شەيخ نىمەتۇللا غوجا ئەينى ۋاقىتىكى كۆرۈشۈشىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەرھۇم قاسىم قارىھاجىمنىڭ تەكلىپى بىلەن نىمەتۇللا غوجا يىگىرمىڭ پارچە قۇرئان كەرىمىنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ بارماقچى بولغان بولسىمۇ، سەئۇدى ئەرەبسىتاندا ئەينى يىللاردا خىتاي ئەلچىخانىسى بولمىغانلىقتىن، خىتايغا بېرىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىش مەسىلىسى بىلەن 1981-يىلى پاكىستانغا كەلگەن. پاكىستاندا ئۈچ ئايغىچە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ جاۋابىنى كۈتكەچ، پاكىستان پرېزىدېنتى زىيائۇلھەق بىلەن ئىلگىرى-ئاخىرى ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ،زىيائۇلھەقنىڭ ياردىمى بىلەن خىتايغا بېرىش ۋىزىسىغا ئېرىشكەن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلاردىن قۇربان ئابدۇللا ھاجىم بىلەن بىرلىكتە پاكىستاندىن يىگىرمە مىڭ پارچە قۇرئاننى ئېلىپ بېيجىڭغا چۈشكەن. سىراجىدىن ئازىزى شۇ قېتىملىق سەپەردە شەيخ نىمەتۇللا غوجىغا ھەمراھ بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق قۇربان ئابدۇللا ھاجىم ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بەردى.

شەيخ نىمەتۇللا غوجا بېيجىڭدا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېيجىڭ، شىئەن قاتارلىق جايلاردا مەسچىتلەردە زىيارەتتە بولۇپ، ئاخىرى ئۈرۈمچىگە بارغان. ئۇ يەنە ئىلى، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەسچىتلەردە ئىماملىق، تەبلىق قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. ئەپسۇس ئۆزىنى بۇ تۇپراققا زىيارەتكە دەۋەت قىلغان قاسىم قارىھاجىمنىڭ يۇرتى قەشقەرگە بېرىشنى ئارزۇلاپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى سەۋەبسىز باھانە كۆرسىتىپ، يالغان سۆزلەپ شەيخ نىمەتۇللاھ غوجىنىڭ يولىنى توسۇپ قويغان.

تۈركىيىدىكى سۇلتان ئەھمەد مەسچىتىدە، ھەرەمدىكى مەسچىتلەردە ئىماملىق قىلغان، ھازىر ياپونىيىدە ياشاۋاتقان مەشھۇر دىنىي زات شەيخ نىمەتۇللا غوجا تۈركىيىدىكى چاغلىرىدىلا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما پۇرسەت بولمىغان،لېكىن 1981-يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان بۇ سەپىرىدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ مەنمۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئۆز سالامىنى يوللىدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.