يېقىندىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلاردا يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نۆۋەتتە قازاق، تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمانلارغىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. بىر قىسىم سىياسىي ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇلار، ئەگەردە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق تەقىبلەرگە سۈكۈت قىلىش داۋاملىشىدىكەن، ئۇ چاغدا خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ تۇڭگانلار رايونلىرىغىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىنى، ھەتتا پۈتۈن خىتاي خەلقىنىڭ كوممۇنىست رېجىمنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 17-يانۋاردىكى بىر خەۋىرىدە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تۇڭگان ئۆسمۈرلەرنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە دىنىي تەلىم ئېلىش ۋە دىنىي پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى توسۇش ھەققىدە مەخسۇس بىر ھۆججەت چىقارغانلىقى خەۋەر قىلىندى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە «بۇ ھۆججەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي مائارىپنى چەكلەش سىياسىتىنىڭ تۇڭگانلار رايونلىرىغا قاراپ كېڭىيىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى،» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.
ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان سۇلايمان گۇ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆز تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا بىرقەدەر ئەركىن بولغان دىنىي سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن.»
سۇلايمان گۇ ئەپەندى بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلارغا قاراتقان سىياسىتىدە پەرق بار. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدۇ، تۇڭگانلار بولسا خىتاي زېمىنىغا تارقىلىپ ياشاپ كەلگەن مۇسۇلمانلار توپى. ئىككى رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئوخشىمايدۇ. ئىككىنچى تەرەپتىن كۆپلىگەن تۇڭگانلار خىتاي تىلىنى قوللىنىدۇ، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىنمۇ خىتاي خەلقى بىلەن يېقىن. شۇڭا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى دەسلەپ قۇرۇلغان مەزگىلدىن باشلاپلا تۇڭگانلارغا قارىتا ‹ئىلمان سۇدا پاقا پىشۇرۇش› تاكتىكىسىنى، يەنى كۆرۈنۈشتە دىنىي ئېتىقادىغا كەڭرى سىياسەت قوللانغاندەك كۆرسىتىش، ئەمەلىيەتتە تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن بارغانچە خىتايلاشتۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى. بۇ سىياسەتنى نۆۋەتتە خىتايدا تۇڭگانلار ئارىسىدىن يېتىشتۈرۈلگەن زور بىر تۈركۈمدىكى كوممۇنىست تۇڭگانلار، يەنى دىنىي ئېتىقادى بولمىغان تۇڭگانلار توپلىمىدىن كۆرۈش مۇمكىن.»
سۇلايمان گۇ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان دىنىي سىياسىتىدە كۆرۈنۈشتە تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قارىتا بىرقەدەر كەڭرى سىياسەت، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتى قوللىنىپ كەلگەن ۋە تۇڭگانلارنى خەلقئارادىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا تەشۋىقاتىدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان تۇڭگانلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن دىنىي سىياسىتىدە چەكلىمىلەرنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
سۇلايمان گۇ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇڭگانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان گەنسۇ، نىڭشا، چىڭخەي قاتارلىق رايونلاردا دىنىي-ئېتىقادنىڭ بارغانچە كۈچىيىشىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت دەپ ھېس قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن مەيلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسۇن ياكى خىتاي پۇقرالىرىدا بولسۇن، تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قارىتا چەكلىمە ۋە دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىنىڭ بارغانچە كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.
سۇلايمان گۇ مۇنداق دېدى: «لىنشيا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تۇڭگان ئۆسمۈرلەرنىڭ تەتىل مەزگىلىدە دىنىي تەلىم ئېلىش ۋە دىنىي پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى چەكلەش ھۆججىتىنى نەقىل ئالساقلا دائىرىلەرنىڭ تۇڭگانلار ئارىسىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسلام دىنى ئېتىقادىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قارىتا چەكلەش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.»
سۇلايمان گۇ ئەپەندى يەنە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان دۈشمەنلىك ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىلىرى تۇڭگانلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا يېمەكلىكلەرنى «ھالال-ھارام» دەپ ئايرىشنى چەكلەش ھۆججەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى؛ يۈننەن، خېنەن، نىڭشا، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئىسلام دىنىدىكى ھالال-ھارام تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرغان بىر تۈركۈم تونۇلغان تۇڭگان ئۆلىمالىرىنىڭ «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىشى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۇڭگانلارنىڭ مەسچىت دەرۋازىلىرىغا ئىسلام دىنىدا «ھارام» دەپ قارالغان توڭگۇز بېشى قاتارلىقلارنى ئېسىپ قويۇشى ۋە خىتاي تىلىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ ھۇجۇم نىشانى قىلىشى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان دىنىي مەكتەپلەردە دىنىي قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغان تۇڭگانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەلىرى قاتارلىقلارنى بىرمۇ-بىر ساناپ ئۆتتى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نۆۋەتتە قازاق، تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمانلارغىمۇ كېڭىيىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرى بولغان تۇڭگان، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆزىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى ئاقلاش ۋاسىتىسى قىلىشتا ئېھتىياج قالمىدى دەپ قارىغانلىقى ۋە بۇ خەلقلەرنىمۇ ئۆز ھاكىمىيىتىگە تەھدىت دەپ بىلگەنلىكىدىن بولغان.»
ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەردە خىتايدىكى تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەردە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق تەقىبلەرگە سۈكۈت قىلىش داۋاملىشىدىكەن، ئۇ چاغدا خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ تۇڭگانلار رايونلىرىغىمۇ كېڭىيىشى، ھەتتا پۈتۈن خىتاي خەلقىنىڭ كوممۇنىست رېجىمنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.