تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن «پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋاجىپ» پەتىۋاسىغا ئىزاھات بەردى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئامېرىكا ساياھىتى داۋامىدا رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر قاتار پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان ئىدى، تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى سۆھبەتنىڭ بۇ قىسمىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ «پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋاجىپ» دېگەن پەتىۋاسىغا ئىزاھات بېرىدۇ ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كۈتۈۋاتقان مۇسۇلمان تىپى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىدۇ.

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئەنە شۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ يەنە بىر قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.