روزا ھېيت مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان دىنىي بايرىمى، بۇ بايرامدا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار بىر-بىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ، ئۆيلىرىگە زىيارەتكە بارىدۇ. بۇ ئارقىلىق دوستلۇق، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ.
جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار 28-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى تۈركىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە روزا ھېيت بايرىمىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ ۋە سافاكۆيدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايونلارغا يىغىلىپ روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى. زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇرلار ئامىنە ئىنانچ مەسچىتىگە يىغىلىپ تۈرك مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مەسچىت ئالدىغا يىغىلىپ بىر-بىرىنىڭ ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەشتى، بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ سەمىمىي ھال-ئەھۋال سوراشتى. دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ناھەق تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشىشى، ئائىلىسىنىڭ سەۋىرچان ۋە خاتىرجەم بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
بايرامنىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى دۈشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت مەركىزىدە روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار قاتناشتى. بۇ پائالىيەتتە جەمئىيەتنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
بىز روزا ھېيت بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، روزا ھېيتنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان ئەھمىيىتى، بۇ پائالىيەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم روزا ھېيت بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ ھېيتنىڭ، دوستلار ۋە قېرىنداشلار ئۆز-ئارا مېھرى-شەپقەتنى كۈچەيتىدىغان، رەنجىپ قالغانلار بىر-بىرىنى ئەپۇ قىلىشىدىغان، كىچىكلەر چوڭلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان، چوڭلار كىچىكلەرگە بايراملىق بېرىدىغان، ئۆز-ئارا ئۆيلەرنى زىيارەت قىلىشىپ، دوستلۇقنى، قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە ۋاسىتە بولىدىغان ئەھمىيەتلىك بىر ھېيت بايرىمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت ئاخىرىدا، ۋەتەن، خەلقنىڭ ئازادلىقى يولىدا جانلىرىنى پىدا قىلغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ناھەق تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى، تېنىنىڭ سالامەتلىكى، ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى. پائالىيەت ئاخىرىدا تاماق زىياپىتى بېرىلدى.
29-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى سافاكۆيدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دېڭىز بويىغا توپلىشىپ روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. تۈركىيەدىكى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار روزا-ھېيتنى خاتىرجەملىك ئىچىدە بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق خۇشال ئۆتكۈزمەكتە.
بىز ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلجېلىل تۇران ۋە ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇرېشىت ئابدۇلھېمىت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنىڭ ئاڭلىغايسىلەر.