تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان مەمۇر-سەن، يەنى تۈركىيە دۆلەت كادىرلىرى ئۇيۇشمىسى ئۇيغۇر دەۋاسىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى ئەخمەت گۈندوغدۇ ئەپەندى ۋە ئۇيۇشمىنىڭ مەسئۇللىرى 19-ئىيۇل كۈنى ئاخشام شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن «ئالپەرەن ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىغا ئالاھىدە ئىپتار زىياپىتى بېرىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ دەۋاسىغا قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. 2 سائەت داۋاملاشقان مۇزاكىرە نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىغا بۇندىن كېيىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.
700 مىڭ ئەزاسى بار بولغان بۇ ئاممىۋى تەشكىلات بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىدە ئانچە كۆرۈنمەيتتى. ئىپتار زىياپىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تەكلىپ بويىچە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە د ئۇ ق نىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. كېيىن تۈركىيە دۆلەت كادىرلىرى ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئەخمەت گۈندوغدۇ ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇنبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنىڭدىن بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان نامايىشلارغا قاتنىشامسىلەر؟ قانداق ياردەملەرنى بېرىسىلەر دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئىستانبۇلدا سائادەت پارتىيىسى بىلەن بىرلىكتە چوڭ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. ئەمدى مېنىڭ مۇئاۋىنىم مېتىن مەمىش ئەپەندى بىلەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئالاقە قۇرسۇن بىز ھەر دائىم ئۇلارغا ياردەم قىلىمىز. بىز ئالدىنقى يىل، ئارىقان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن، بۇلتۇر سومالىدىكى مۇسۇلمان ئۈچۈن پائالىيەت قىلغان ئىدۇق. بۇ يىل پەلەستىن ئۈچۈن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، خۇدايىم بۇيرۇسا كېلەر يىلى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك پائالىيەتلەر ئېلىپ بارىمىز. بىز رايونلاردىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنۇتقانلىقىمىز ئەمەس. بىز بۇ پائالىيەتلەرنى مەمۇرسەن، يەنى دۆلەت كادىرلىرى ئۇيۇشمىسى شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقتى دېسۇن دەپ ئەمەس، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇ دۇنيادا ياقىمىزغا ئېسىلماسلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقىمىز ۋە بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالىمىز. بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تەشكىلاتىمىزنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى بولىدۇ.
كېيىن تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى ياشلار ياچېيكىسى باشلىقى سەرقان تۈزۈن ئەپەندى سۆز قىلدى:
ھۆرمەتلىك سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يۇقىرىدا بىزگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. بىز زۇلۇمغا قارشى چىقمىغان ئادەم تىلسىز شەيتاندۇر دېگەن بىر دىنگە ئېتىقاد قىلىۋاتقان بەندىلەر بىز. شۇڭا بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ نەرىدە زۇلۇم بولسا، نەدە ئادالەتسىزلىك قانۇنسىزلىق بولسا بىز قاراپ تۇرماسلىقىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۈگۈنكى ئىپتار زىياپىتى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ مەسىلىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
مەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن داۋاملىق كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە. ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئەمما يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى بىزنىڭ تەشكىلاتىمىزنىڭمۇ ئىمكانىمۇ چەكلىك. تۈركلەر مىسىردىكى، پەلەستىندىكى، سۈرىيەدىكى ۋە چېچېنىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى قانداق قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەۋاسىنىمۇ شۇنداق قوللىشى كېرەك. بۇ دەۋا مەلۇم بىر سىياسىي پارتىيە، مەلۇم بىر ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ دەۋاسى ئەمەس، ھەممە ئىنساننىڭ دەۋاسى بولۇشى كېرەك. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقان مەمۇرسەن، يەنى تۈركىيە دۆلەت كادىرلىرى ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ ئىپتار زىياپىتى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيۇشما مەسئۇلى ئەخمەت گۈندوغدۇ ئەپەندىمۇ شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. بۇندىن كېيىن ھەممىمىز ھەمكارلىق ئىچىدە بۇ دەۋانى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم كامىل.