1200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر كۆك بايراق ئاستىدا ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.06.23
qeyseri-kokbayraq-iptar-1.jpg

قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت قادىر خاس يىغىن زالىدا 1200 ئەتراپىدا ئۇيغۇرغا كۆك بايراق ئاستىدا بەرگەن ئىپتار زىياپىتىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 21-ئىيۇن، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

qeyseri-kokbayraq-iptar-2.jpg

قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت قادىر خاس يىغىن زالىدا 1200 ئەتراپىدا ئۇيغۇرغا كۆك بايراق ئاستىدا بەرگەن ئىپتار زىياپىتىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 21-ئىيۇن، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

qeyseri-kokbayraq-iptar-3.jpg

قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت قادىر خاس يىغىن زالىدا 1200 ئەتراپىدا ئۇيغۇرغا كۆك بايراق ئاستىدا بەرگەن ئىپتار زىياپىتىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 21-ئىيۇن، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

qeyseri-kokbayraq-iptar-4.jpg

قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت قادىر خاس يىغىن زالىدا 1200 ئەتراپىدا ئۇيغۇرغا كۆك بايراق ئاستىدا بەرگەن ئىپتار زىياپىتىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 21-ئىيۇن، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

dolet-baghcheli-iptar-seyit-tumturk.jpg

سابىق باش مىنىستىر مۇئاۋىنى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دۆلەت باغچەلى ئۆزى بەرگەن ئىپتار زىياپىتىدە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2016-يىلى 18-ئىيۇن، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

dolet-baghcheli-iptar-uyghur-tumturk.jpg

سابىق باش مىنىستىر مۇئاۋىنى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دۆلەت باغچەلى ئۆزى بەرگەن ئىپتار زىياپىتىدە سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 18-ئىيۇن، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

dolet-baghcheli-iptar-uyghur-tumturk-1.jpg

سابىق باش مىنىستىر مۇئاۋىنى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دۆلەت باغچەلى بەرگەن ئىپتار زىياپىتىدە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قاتارلىق ئۇيغۇرلار. 2016-يىلى 18-ئىيۇن، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت 6-ئاينىڭ 21-كۈنى قادىر خاس يىغىن زالىدا 1200 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، كۆك بايراق ئاستىدا ئىپتار زىياپىتى بەردى. بۇ ئىپتار زىياپىتىگە 1964-يىلى ئافغانىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكەن يىلى مالايشىيا تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىر ئۇيغۇرلار قاتناشقان. زالنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈركىيەنىڭ بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، ئىپتار زىياپىتى قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ھەر خىل نازۇ-نىمەتلەر بىلەن ئېغىز ئېچىشقاندىن كېيىن، دۇئا تىلاۋىتى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.

قەيسەرى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خالىل بۈيۈكنالبانت ئەپەندى، ئېچىلش نۇتقىدا، كۆڭلىنىڭ ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستاندا ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ كۆڭلى نەدە بولسا ئەقلىنىڭمۇ ئۇ يەردە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ www.kayseri.bel.tr تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىپتار زىياپىتىدە قىلغان نۇتقىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەنلىكىنى، بۇ يەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنىڭ، ئىبادەت قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ روزى ئېيىنى تەبرىكلىگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، بۇ پائالىيەتنى قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەر يىلى تەشكىلات مەركىزىدە ئۇيغۇرلارغا ئىپتار زىياپىتى بېرىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ يىل 1200 كىشىلىك چوڭ زالدا ئۇيغۇرلارغا زىياپەت بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ئىپتار زىياپىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئىكەنلىكىنى دېدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى رامىزان ئېيىدا تەكلىپ قىلىنغان ئىپتار زىياپەتلىرىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، 6-ئاينىڭ 18-كۈنى سابىق باش مىنىستىر مۇئاۋىنى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دۆلەت باغچەلىنىڭ بەرگەن ئىپتار زىياپىتىگە قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەرگەن ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئەمىن قارىم، تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن بۇ مېھمان دوستلۇقىدىن، ئۆزلىرىگە قىلىۋاتقان ئەنسەرلىكىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ھەقسىزلىقىغا بولغان نارازىلىقىنىڭ قاتتىق كۈچەيگەنلىكىنى بايان قىلدى.

قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىپتار بېرىشى، ئەنئەنىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇ يىل ئەڭ كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئىشتىراك قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.