تيەنئەنمېن ھۇجۇمچىسى ئوسمان ھەسەننىڭ ھايات كەچمىشى ھەققىدە مەلۇماتلار
2013.11.04
مەلۇم بولۇشىچە، ئوسمان ھەسەن ئۈرۈمچىدە ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاش ۋە تىجارەت قىلىش داۋامىدا ھايات تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، ئۆزىنى ئىدىيە ۋە ئېتىقاد جەھەتتىن يېتىلدۈرۈپ ماڭغان. خىتاي ئۆلكىلىرىدە تىجارەت قىلىپ بەلگىلىك بايلىق توپلىغان بولسىمۇ، ھاراق-شاراب قاتارلىق كەيپى-ساپا يوللىرىدىن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتۇپ كەلگەن. ئۇ 2006-يىلىغا كەلگەندە ھىدايەت يولىغا تېخىمۇ پۇختا قەدەم بېسىپ دوست ۋە تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئوسمان ھەسەننى 2 يىلنىڭ ئالدىدا ئۈزۈمچىدىكى بىر تويدا ساقاللىق ۋە قولىدا تەسۋى تۇتقان ھالەتتە كۆرگەن بىر يۇرتدىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۈرۈمچىدە ئېچىۋاتقان پەرىشتە-ساقال ناملىق ئاشخانىسىنى بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا باشقا بىرىگە سېتىۋېتىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە كەتكەن؛ ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، تاكى 9-ئاينىڭ بېشىغا قەدەر ئۈرۈمچىدە تۇرغان.
تۆۋەندە تيەنئەنمېن ھۇجۇمچىسى ئوسمان ھەسەننىڭ كەچمىشلىرى ھەققىدە ئۇنىڭ يۇرتداشلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
سوئال : ئاقتۇنىڭ ئۈجمە ساقچىخانىسىمۇ بۇ؟
خادىم: شۇنداق!
سوئال: قايسى كۈنى سىلەر سوراق قىلغان ئوسمان ھەسەننىڭ دوستى ۋە 3-كەنت سېكرېتارىنىڭ تېلېفونى دەپ بېرىڭ؟
خادىم: بولىدۇ، 131....
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئوسمان ھەسەننىڭ باشلانغۇچتىكى بەش يىللىق ساۋاقدىشى قاسىمجان مىجىتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوسمان ھەسەن بالا چاغلىرىدا كەپسىز، دەرسلەردە ئورتا ھال بالىلاردىن بولۇپ ئۇ ئىچكىرىگە كىرىپ ئىش-ئوقەت قىلغاندىن كېيىن، سالماق ۋە سالاپەتلىك بىر كىشىگە ئايلانغان. قاسىمجاننىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، ئوسمان ھەسەن كىشىلەر بولغان مۇئامىلىسىنىڭ سىلىق-سىپايەلىقى بىلەنمۇ دىققەت تارتقان. ئوسمان ھەسەننى 4-5 يىلنىڭ ئالدىدا «خېلى لوبەن سۈپەت بوپقاپتىكەن» دەپ تەرىپلىگەن قاسىمجان، ئوسمان ھەسەننىڭ ئابلىكىم ھەسەن ئىسىملىك بىر ئىنىسىنىڭ بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر سىرلىق قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىكىنى ئوسمان ھەسەننىڭ «ئىنىم قەستكە ئۇچرىدى» دەپ قاقشاپ يۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەمما ئۇ ئوسماننىڭ قەست قىلدى دەپ كىمدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، 3-كەنت سېكرېتارى ئوسمان ھەسەن ئۈستىدە توختىلىپ، ئوسمان ھەسەننىڭ كەمسۆز ئېغىر بېسىق بىرى ئىكەنلىكىنى، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدىمۇ ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
---- كەنتىمىزگە سۇ تۇرۇبىسى ياتقۇزىۋاتقانتۇق، پۇلىمىز يېتىشمەي قالدى، ئوسماندىن پۇل سوراپ تۇردۇق؛ ئۇ ئىككىلەنمەيلا 30 مىڭ يۈەننى كۆتۈرۈپ چىقتى، بىز ئۇنىڭدىن 3000 يۈەننى ئېلىپ تۇردۇق. ئاڭلىسام ئۇ مەسچىتكە پۇل توپلانغاندا 30 مىڭ يۈەن ياردەم قىپتۇ....
سېكرېتار بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن ئوسمان ھەسەننىڭ ھەر قېتىم يۇرتقا كەلگىنىدە ئۇلارنى مېھمان قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ھاراق ئىچمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا گەپكىمۇ جىق ئارىلاشماي، ئاساسەن گەپ ئاڭلاپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
---- بۇ يىل 2-ئايدا ئۈرۈمچىگە بارغانتىم، ئوسمان يوقلاپ كېتەي دەپ، ئۇنى سۈرۈشتە قىلدىم، ئۇنى 10-يولنىڭ ئاخىرىدا تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ كەينىدە بىر يەردە «پەرىشتە ساقال"دەپ بىر ئاشخانا ئاچتى دەپ ئاڭلىدىم؛ بارسام، دۇكاننى باشقا بىر كىشى ئۆتكۈزۈۋاپتۇ،» ئوسمان ئاشخانىنى بىزگە سېتىۋېتىپ ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمەي قايتىپ كەلدىم.
سېكرېتار يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن كېيىن ئوسماننىڭ بۇ يىل 2-ئايلاردا ئاشخانىسىنى سېتىۋېتىپ ئىچكىرىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئۈرۈمچىگە قايتىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى. «ئۇنىڭ ئۆيى ئاقتۇ بەنسىچۇ(ئىش بېجىرىش ئورنى) ئىدى» دېگەن سېكرېتار ئاقتۇ ئۈجمە يېزىسىنىڭ يېڭىئايماق كەنتىدىن ئۈرۈمچىگە بارغان 4 كىشىنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا ئۈرۈمچىگە بارغىنىدا ئوسماننىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
سېكرېتارنىڭ بۇ بايانلىرىدىن قارىغاندا، ئوسمان ھەسەن تيەنئەنمىنگە ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشتىن بىر ياكى ئىككى ئاي ئاۋۋال ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكى مەلۇم. ئوسمان ھەسەنننىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە دىنىي ئېتىقادىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى ئارىلىشىدىغان دوست-بۇرادەرلىرىگە قارىتامۇ بىر تاللاش ۋە شاللاش ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلغان سېكرېتار، كەنتتىكى بىرقانچە ئويۇنچى «ھاراق-شاراب ئىچىدىغان» دوستلىرى بۇلتۇر ئۈرۈمچىگە بارغىنىدا ئوسمان ھەسەننىڭ ئۇلاردىن ئۆزىنى تارتقانلىقىنى بايان قىلدى.
---- بىزنىڭكىلەر 2011-يىلى ئۈرۈمچىگە بىر تويغا بارغان، ئوسماننى كۆرۈپتۇ، ئوسمان ساقال قويغان ۋە قولىدا تەسۋى تۇتۇپ تۇرۇۋالغان ئىكەن، بىزنىڭ ئاغىنىلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋاپتۇ؛ بۇرۇن ئۇنداق ئەمەستى، ئۆزى ئىچمىگەن بىلەن ئىچكەنلەر بىلەن بىللە ئولتۇراتتى، ئۇ 2006-يىللاردىن كېيىن پەرقلىق بىر ئادەمگە ئايلانغان.
سېكرېتارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ بىر قېتىم يۇرتقا كەلگىنىدە، ئاقتۇ ناھىيىلىك ساقچىخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماچاڭ دېگەن كىشى بىلەن سوقۇشۇپ قالغان. ماچاڭ ئۇ كۈنى مەست بولۇپ موتسىكلىتى بىلەن ئوسماننىڭ موتسىكلىتىنى سوقۇۋېتىپ، ئارقىدىن ئوسماننى تىللىغان، ئوسمان ساقچى باشلىقى ماچاڭنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋېتىپ، قېچىپ كەتكەن. ئەتىسى ماچاڭنىڭ چاپارمەنلىرى ئوسماننى تۇتقۇنى كەلگىنىدە ئۇ ئاللىقاچان ئاقتۇدىن كېتىپ بولغان. مەلۇم بولۇشىچە بۇ ۋەقە ئۇنىڭ يۇرتقا قايتالماسلىقىغا سەۋەب بولغان.