ئۇيغۇر مۇسلىمەلەر چەتئەللەردە 2

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھىجابلىنىشىنىغا ئوخشاش دىنىي قائىدىلەر بويىچە كىيىنىشىنى چەكلەشنى قانۇنلاشتۇرۇشىنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن، «ئاياللارنىڭ ئورنىۋېلىشى» نى چەكلەش توغرىسىدىكى قانۇن بەلگىلىمىلىرىنىڭ باشقا ئەللەردىمۇ بارلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا. بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ئىنكاسىنى بىلدۈرگەن چەتئەللەردىكى ھىجابلىق ئۇيغۇر خانىم ‏- قىزلار، خىتاي مىسال ئالغان قىسمەن ئەللەردىكى ئاياللارنىڭ ئورىنىۋېلىشنى چەكلىشىگە دائىر بەلگىلىمىلەرنىڭ ھىجاب ئەمەس، بەلكى يۈزنى پۈتۈنلەي يېپىۋېلىشقا قارىتىلغانلىقىنى ھەمدە بۇ خىلدىكى چەكلىمىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى يەتكۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. شۇنداقلا ئۇلار خىتاينىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىنى چەكلەش ئارقىلىق، بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئەجەللىك زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىزنىڭ ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەدىكى ھىجاپلىق ئۇيغۇر خانىملار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭلار.