يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى: «دىنغا ئىشەنسە قانۇنسىزلىق بولىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىمىز»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.08
saqchi-kocha-charlash.jpg ئۇيغۇر ئېلىدە كوچا چارلاۋاتقان خىتاي ساقچىلىرى. 2017-يىلى نويابىر، ئۈرۈمچى.
AFP

ئالدىنقى كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ساقچى خادىملىرىنىڭ «دىننى قەتئىي رەت قىلايلى، دىنغا ئىشەنمەيلى» دېگەن لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر رەسىمى تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا، بۇ خىل تەشۋىقاتنىڭ يالغۇز مارالبېشى ناھىيەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى دەلىللەندى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن بۇ تەشۋىقاتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھەققىدىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بىر ساقچى خادىمى ئۆزلىرىنىڭ دىنغا ئىشەنمەسلىكنى ئاممىغا «تەۋسىيە سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى» نى، يەنى «دىنغا ئىشەنسە قانۇنسىزلىق بولىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ساقچى خادىملىرىنىڭ ھەممىسى «دىننى قەتئىي رەت قىلىش ۋە دىنغا ئىشەنمەسلىك» تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلمىدى. ئۇلار يەنە بۇ تەشۋىقاتىنى ئۆز ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى ئاممىغا قاراتقانلىقىمۇ يوشۇرمىدى. ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر، دىنغا ئىشەنمەسلىكنى بىر تەۋسىيە ياكى مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەلۇم بىر يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى ئۆزلىرىنىڭ «دىنغا ئىشەنسە قانۇنسىزلىق بولىدۇ،» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پەقەتلا بىر نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ جاۋابى بولغانلىقى ۋە باشقا ئىدارە-ئورگانلار بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىز مەزكۇر ساقچى خادىمىنىڭ جاۋابىنىڭ توغرىلىق نىسبىتىگە قارىتا يەنىمۇ ئىزدىنىپ كۆردۇق. ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ساقچى خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى يولۋاس ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بېرىلگەن جاۋابنىڭ مەنتىقىي ۋە قانۇنىي نۇقتىدىن ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى كۆزدە تۇتۇلسا، بېرىلگەن جاۋابنىڭ توغرىلىقىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

21-ئەسىردە «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا يىغىۋېلىش لاگېرى تەسىس قىلىشنىڭمۇ ئەسلىدە ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىجرائات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن يولۋاس ئەپەندى، مانا بۇ ۋەزىيەتتە دىنغا ئىشىنىشنى قانۇنسىزلىق دەپ تەشۋىق قىلىشىنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى، ھېچ بولمىدى دېگەندە بىر قىسىم جايلاردا مانا مۇشۇ خىل تەشۋىقاتنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يولۋاس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە ساقچىلار دىننى رەت قىلىش ھەققىدە لوزۇنكا كۆتۈرۈپ چىقسىمۇ، دىنغا ئىشىنىشنى قانۇنسىزلىق دەپ تەشۋىق قىلمىسىمۇ، نۆۋەتتە تەسىس قىلىنغان لاگىرلار ۋە بېرىلىۋاتقان ھۆكۈم ۋە جازالار، ئۇيغۇر رايونىدا دىننىڭ قانۇنسىز دەپ قارىلىۋاتقان ۋە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئاشكارا ئىپادىسى ئىكەن. خىتاي دىنغا قارشى ئىجارائاتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقىلى خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئەسەبىيلىككە ۋە ياكى تېررورلۇققا قارشى نام ئاستىدا ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىم ئاشكارا ھالدا ئەنە ئۇ ئىجرائاتلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى سىياسىي چاقىرىق ۋە ھۆكۈمنى لوزۇنكا ئارقىلىق كۆتۈرۈپ چىققان.

يولۋاس ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ دىنغا ئىشەنمەسلىك تەشۋىقاتىنى ساقچى خادىملىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۆزىلا دىنغا ئىشەنمەسلىكنى تەۋسىيە ئەمەس، بەلكى مەجبۇرىيەت دەپ تېڭىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.