«خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان زور كۆلەملىك دىنىي زىيانكەشلىك» تېمىسىدىكى يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى
2019.03.04
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقى شى جىنپىڭنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىنكى خىتايدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى قاتارىدا ھەر زامان دىنىي ئەركىنلىك ھەقلىرىنىڭ قانداق تەقىبلەرگە ئۇچراپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە.
ئەنە شۇ ئەھۋالنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات باسقۇچىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن 4-مارت كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان زور كۆلەملىك دىنىي زىيانكەشلىك» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى.
ئوخشاش بولمىغان ئون نەچچە خىل دىنىي ئېتىقاد ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق باش قوشۇشى بىلەن يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن «خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنى ئالغا سۈرۈش بىرلەشمىسى» تەشكىللىگەن بۇ يىغىندا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، دىنىي جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلىشتا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدىن بۇيانقى ئەڭ قاباھەتلىك بىر دەۋرنى ياراتقانلىقى، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ زور بەدەل تۆلەۋاتقانلىقى باش تېما بولدى. جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردىن مىليونلارچە كىشىنىڭ ئاللىقاچان دىنىي ئېتىقاد سەۋەبىدىن لاگېرلارغا قامالغانلىقى ۋە بۇ جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلەندى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە ئىشتىراك قىلغان مۆتىۋەر زاتلارنىڭ بىرى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئىشلىرىدىكى باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندى ئىدى. ئۇ يىغىندا ئالاھىدە سۆز قىلىپ دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەقلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادقا ئىگە بولۇشى ياكى ئىگە بولماسلىقى شۇ شەخسنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق شەخس ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقلەرگە دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى، جۈملىدىن بۇ ھەقلەرنى ئۆز قانۇنىدا رەسمىي ئېتىراپ قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتىكى خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئىمزا قويغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە ئاشكارا ھالدا بۇ ھەقلەرنى تەقىب قىلىشىغا سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
شۇ قاتاردا سۆزگە چىققانلاردىن پېنسىيەگە چىققان سابىق دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف ئەپەندى ھاياجان ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان دىنىي ئېتىقاد جامائىتىنىڭ زالىم ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي زۇلۇمىغا قارشى بىر ياقىدىن باش چىقارغانلىقىنى قىزغىن ئالقىشلىدى. ئۇ نۆۋەتتە دىنىي زۇلۇم سەۋەبىدىن مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا نەزەربەند قىلىۋېتىلگەنلىكىنى، ھازىر بۇ تۇتقۇنلار ئارىسىدا نۇرغۇن ساندىكى ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە چەتئەللەردە كۇڭزى ئىنستىتۇتى بەرپا قىلىش نامىدا كومپارتىيەنىڭ مۇشۇ خىلدىكى زالىملىق ئىدىيەسىنى دۇنياغا تەرغىب قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى ياكى باشقا دىنىي جامائەتنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنمىسا بۇنداق ئىنستىتۇتلارنى ئامېرىكا تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقىرىش لازىملىقىنى ئېيتقاندا زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان يەنە بىر مەسىلە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي زۇلۇملارنى ئىجرا قىلغۇچى خىتاي ئەمەلدارلارنى جازالاش ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان زالىم سىياسەتلەرگە ھەمدەمدە بولۇۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسى بولدى. ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلار دىرېكتورى لۇئىزا گرېۋ خانىم بۇ ھەقتە مەخسۇس سۆز قىلىپ، «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» نى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر تۈركۈم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تەتبىقلاش ھەققىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىنغا بۇ ھەقتە مەخسۇس مەكتۇپ يوللىغانلىقىنى، مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
يىغىندا بىر قىسىم ئۇيغۇر گۇۋاھچىلار، شۇنداقلا سابىق خىتاي ساقچىسى، فالۇنگوڭچىلاردىن يېقىندا خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەر گۇۋاھلىق بېرىپ خىتايدىكى دىنىي زىيانكەشلىكنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار ئەتىكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.