مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئۈرۈمچىدە چاقىرغان ئىسلام مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىنكاس بىلدۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.07.25
islam-muhakime-yighini.jpg ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيىسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى. 2016-يىلى 21-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
ts.cn

مەركىزى بېيجىڭدىكى خىتاي ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىلەن جۇڭخۇا دىن ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى بىرلىكتە 20-ئىيۇلدىن 21-ئىيۇلغا قەدەر ئۈرۈمچىدە ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يىغىنغا خىتاي، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن بىر قىسىم ئىسلام دىنىي ئالىملىرى قاتناشقان. يىغىندا دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق، زوراۋانلىق ھادىسىلىرىگە قارىتا ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى ئىسلام دىنىدىكى ئايەت-ھەدىسلەر ئارقىلىق تەھلىل قىلغان. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش ھەققىدە خىتابنامە ئېلان قىلىنغان.

ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا مۇھاكىمە قىلىنغان «ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش» نىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرى، يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىمىز بولمىسىمۇ، بىز خىتاي تەرەپ يىغىندا تەكىتلەۋاتقان ئوتتۇرا ھال يول مەسىلىسى ۋە يىغىننىڭ ئېچىلىش تۈپ مەقسەتلىرى ھەققىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىگە تېلېفون قىلدۇق. بىراق، تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

ئەمما، خىتاي ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېتىدىكى يىغىنغا ئائىت خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئوتتۇرا ھال يول سىياسىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خەلقئارادىكى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇنىڭ بالايىئاپەتلىرىگە ئۇچرىدى. جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىمۇ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرىدۇر. دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننىڭ بىرلىكى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش 23 مىليون ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى.»

ئۇ يەنە سۆزىدە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي مەملىكەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زۇئەن سۆز قىلىپ، ئەسەبىيلىكنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يامرىشىغا تاقابىل تۇرۇشتا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قاتارىدا تەشۋىقات -تەربىيىنى قانات يايدۇرۇش، قانۇندىن پايدىلىنىپ ئەسەبىي ئىدىيىنى توسۇش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ:«دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ سەپسەتىلىرىگە سىستېمىلىق ھالدا رەددىيە بېرىپ، مۇسۇلمان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تىكلەپ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك» دېگەن.

يىغىندا شۇنداقلا خىتاي، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشتا ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ رايون تىنچلىقنى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىسلام دىنى ئۆلىمالىرى بۆلگۈنچىلىك ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان مەزكۇر يىغىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن بىر قىسىم دىنىي زىيالىيلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.

ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئاچقان بۇ قېتىمقى مەخسۇس خەلقئارالىق ئىسلامدىكى ئوتتۇرا ھال يول مەسىلىسىگە ئائىت يىغىنىغا ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقى، يىغىندا ئەسلى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ياكى دىنىي ئالىم ھېسابلانمىغان، ئەكسىچە ئاتېىست ئەربابلارنىڭ سۆز قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسىتىنى تەرغىب قىلىشنى باشتىن ‏-ئاخىرى ئاساسىي نۇقتا قىلىشى، ئۇلارنىڭ مەزكۇر يىغىننى سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى كۆزلىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، يەنە مەزكۇر يىغىننى ئاساسلىقى شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىرىنى چاقىرىپ كېلىپ ئېچىشى ۋە ئاخىرىدا بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىشنى تەكىتلىشتىكى مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش ھەرىكەتلىرىگە ئۇيغۇر دىيارىدىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىمۇ زەربە بېرىشنى كۈچەيتمەكچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان، مىسىردىكى ئەلەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، مەخسۇس ئىسلام دىنى ساھەسىدە يېتىشكەن ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن بىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى ئىسلامدىكى ئوتتۇرا ھال يول مەسىلىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان ئوتتۇرا ھال يول مەسىلىسى ھەققىدىكى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن يىغىندا قىلغان تەبرىك سۆزىدە: «مۇسۇلمانلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىمگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەرىپەتنى ئۇلۇغلايدىغان روھىنى جانلاندۇرۇپ، ياش ئەۋلادلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ۋە قىممىتىنى تونۇتۇپ، ئەسەبىيلىكنىڭ جاھالىتى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۆزلۈكىدىن تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئۆلىماسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدون ئەپەندى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇننىڭ سۆزلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، 18 ياشتىن تۆۋەنلەر مەسچىتكە كىرسە، دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ئوقۇقتۇچى-ئوقۇغۇچىلار دىنى پائالىيەتكە قاتناشسا بولمايدۇ دېگەندەك بەگلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى دىنىي جەھەتتىن تەربىيىلىشىگە، بولۇپمۇ ياش -ئەۋلادلارغا دىنىي بىلىملەرنى بېرىشىگە يول قويمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە چاقىرغان بۇ يىغىنىنى ئۆزىنى ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە دىننى قوغدايدىغان ۋە ھۆرمەت قىلىدىغان قىلىپ تەشۋىق قىلىش تاكتىكىسىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، ئەمما خەلقئارالىق دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، تىبەتلەرنىڭ، خىرستىيانلارنىڭ، فالۇڭوڭچىلارنىڭ شۇنىڭدەك باشقا دىنى گۇرۇپپىلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ دائىم بېسىم ۋە زەربە بېرىش ئوبيېكتى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەنقىدلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئىلگىرى مىسىردىكى ئەل-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەلىم كۆرگەن تەتقىقاتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىسلام دىنىدا دېيىلىۋاتقان ئوتتۇراھال يول تۇتۇش تەلىماتى بىلەن
پۈتۈنلەي قارمۇ-قارشى ئىدىيىدىكى يىغىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار رايونىدا ئىسلام دىنىدىكى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيىسى تەشۋىقاتى خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىپ،بۇ ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بەلگىلىك ھالدا ياخشىلىماقچى بولغان. خىتاي ئوتتۇراھال يول مەسىلىسىگە ئائىت مەملىكەتلىك يىغىنىمۇ 2014-يىلى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.