ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى يېقىندا بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدە ئوقۇش يېشىدىكى پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەربىيە بېرىشىنى چەكلىگەن ئىدى.
شۇنداقلا بەلگىلىمە بويىچە قورۇمىغا يەتمىگەن پەرزەنتىگە ھەر قانداق شەكىلدە دىنىي تەلىم بەرگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىنمۇ كەڭ كۆلەمدە ئورۇن ئالدى. مەزكۇر خەۋەرنىڭ جىددىي ۋە زور تەسىر پەيدا قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ۋە بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپلا قالماي، ئۇيغۇر ئائىلىسى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرلارمۇ چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكتە.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئىلشات ھەسەن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.