كەلپىننىڭ كۆل كەنتىدىكى دىنىي باستۇرۇشتا بىر ئائىلىدىن 3 كىشى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان
2016.12.21
ئاقسۇ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال يېزىسىغا قاراشلىق كۆل كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ياقۇپ بارات ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىدىن ئايالى گۈلنىساخان ۋە ئوغلى ئابدۇللا ياقۇپ ئۈچەيلەن بۇنىڭدىن بىر يېرىم يىل ئاۋۋال قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ ئۈچەيلەننى دىنىي سەۋەبلىك بىلەن قولغا ئېلىپ، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلىگەن. ئاقسۇدىكى ياقۇپ باراتلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىر يەرلىك ئاھالە، ياقۇپ باراتنىڭ 10 يىللىق، ئايالىنىڭ 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاھالە: ياقۇپ بارات يوق ھازىر. ئاۋۇ بالىسى، ئىشقىلىپ بىر بالىسى بار، ئايالى، ياقۇپ بارات ئۆزى تۈرمىدە ئەمەسمۇ. ئۇنىڭغا بىر يېرىم يىل بولاي، دەپ قالدى. بىر يېرىم يىل، ئىككى يىل بولمىدى، ئاز قالدى ئىككى يىلغا. بىر يېرىم يىل بولدى.
مۇخبىر: نەدە ھازىر، قايسى تۈرمىدە؟ قەشقەردىمۇ، يەركەندىمۇ ياكى ئۈرۈمچىدىمۇ؟
ئۇيغۇر ئاھالە: ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن جۇمۇ.
مۇخبىر:ز نېمە سەۋەبلىك تۈرمىدە بولۇپ قالدى بۇلار؟
ئۇيغۇر ئاھالە: ئۇنىمۇ بىلمىدىم. ئىشقىلىپ بۇنىڭ نېمە سەۋەبلىكىنى بىلمىدىم. ھازىر مۇشۇ ھېلىقى ئۆزىنى مەلۇم قىلىش، ئوچۇق سوت ئېچىپ، ئاچال يېزىدا ئۇقتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىچىدە ئاشۇنداق، دەپ ئۇقتۇردىغۇ. ھەئە شۇنداق، (ئەسەبىيلىك) شۇ سەۋەبلىك، (قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت) دەپ. ئاشۇنداق، ئېلان قىلغان چاغدا شۇنداق، دەپ ئېلان قىلدىغۇ. دادۈيدە ئەمەس، يېزىدا ئېلان قىلدى. ھەئە توغرا، (ئۈچىنى بىراق ئېلان قىلدى).
مۇخبىر: قانچە يىللىق كېتىپ قالدى ئۇلار؟ ئېلان قىلغاندا قانچە يىللىق، دەپ ئېلان قىلدى؟
ئۇيغۇر ئاھالە 10: يىل، 7 يىل ئاشۇنداق كەستىغۇ، دەيمەن. ھەئە، (ياقۇپ باراتنى 10) يىل، ئايالىنى 7 يىل. (ئوغلى ئابدۇللا) ئۇنى ئۇقمايدىكەنمەن.
ياقۇپ باراتنىڭ مەسىلىسىدىن خەۋەردار ئاقسۇ ج خ سىستېمىسىدىكى بىر ئامانلىق خادىمى، ئۇنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، ئەمما «كۆلدە خېلى جىق ئادەم تۈرمىگە كىرىپ كەتكەنلىكى» نى بىلدۈردى.
مۇخبىر: ياقۇپ بارات بارغۇ، ئاچالنىڭ كۆل كەنتىدىكى، شۇ ئادەم قەيەردە ھازىر؟ ئاڭلىساق تۈرمىدە، ئايالى بىلەن تەڭ تۈرمىدە دەيدۇ، نەدە ھازىر؟
ساقچى: ياقۇپ بارات...ھە، ھەئە، ئۇ ياقۇپ بارات، نەدىكى تاڭ ئۇ ئادەم. ئۇنى ئۇقمايدىكەنمەن جۇمۇ مەن. تۈرمىدە بولۇشى مۇمكىن، كۆلدە خېلى جىق ئادەم تۈرمىگە كىرىپكەتكەن. ئۇ ئىشلارنى تازا بەك ئۇقۇپ كەتمەيدىكەنمەن، جۇمۇ.
ياقۇپ بارات ئىلگىرى بىر مەزگىل كۆل كەنتىنىڭ كەنت باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ئىكەن. ياقۇپ باراتنىڭ ئائىلىسىنى تونۇيدىغان ئاقسۇدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال، ياقۇپ باراتنىڭ ئىنتايىن كۈچ چىقىرىپ ئىشلىگەن ئاكتىپ كەنت باشلىقى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ «بالىسىنى توسمىغان» دەپ تۈرمىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئايال: كۆلدىكى ياقۇپ بارات دېگەن ئادەمگە شۇ، ئۇزۇندىن بۇيان دادۈيجاڭ بولۇپ، كۆل دادۈينىڭ ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۈچ چىقىرىپ، قالتىس ئاكتىپ دادۈيجاڭ بولۇپ ئىشلىگەن ئادەم ئىدى ئۇ. ئەمما ھېلىقى بالىسى دومىتىكا(رادىيو) تىڭشاپ قويۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بالىلار بىلەن يىغىلىپ مۇنداق بىر نېمە كۆرۈپ قويغانمىتىكى، شۇ توغرىلىق مۇشۇنداق بولۇپ چۈشۈپ كەتتى. ئۇ بالىسىمۇ ئۈرۈمچى، شېخودىمىكىن.
مۇخبىر: ياقۇپ باراتنى ئېلىپ كەتكەن بولسا، شۇ بالىسى توغرىلىق ئېلىپ كەتتىما ياقۇپ باراتنى؟
ئۇيغۇر ئايال: ياقۇپ بارات شۇ بالىسى توغرىلىق بولدى، ھەئە. ئۆزى ئىچەرمەن، چېكەرمەن بولۇپ، ئاشۇ ھۆكۈمەتكە ئاكتىپ خىزمەت قىلغان، ئۆزى ئۇنداق ناماز، دەپ ئۇنداق ئىشلارنى قىلغان ئادەم ئەمەس. پەقەت بالىسى توغرىلىقلا، شۇ بالىنى ئوقۇتتۇڭسەن، شۇنى ئۆيۈڭدە ئوقۇتقان، دەپ، شۇ 7-8 كۈن بىر يەردە ئوقۇپتىمىكى ئۇ بالا مەكتەپنى، ئەمدى چەت يەر بولغاندىنكىن، شۇ 8 -سىنىپقىچىلىك ئوقۇتقاتمىكى، بالىنىڭ كېچىكى شۇ بولغاچقا ئوقۇماي يېنىپ چىقىپتىمىكىن 8 نى پۈتتۈرۈپ.
مۇخبىر: ھازىر ياقۇپ باراتنىڭ قانچە بالىسى تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن؟ بىر بالىسىمۇ ياكى قالغان بالىلىرىمۇ تۈرمىدىمۇ؟
ئۇيغۇر ئايال: بىر بالىسى بار. ئاندىن ياقۇپ بارات ئۆزى ۋە ئايالى بار. ئايالى قەشقەردە، ئۆزى پەيلو، دەپ قويامدىكەن، شۇ يەردە. ئايالىنىڭ ئىسمى گۈلنىساخان. بىر قىزى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن. ئۇمۇ گۇڭشىنىڭ بىر يېرىدە شەھەرچىسى، دەپ قويىمىز، شۇ يەردە دۇكان ئېچىپ، يەرلىرىنى تەردۈرۈپ، ئاساسەن جەھەتتىن پاختا تېرىيدۇ ئۇ ياقلاردا. ئاشۇنداق قىلىپ قىلىۋاتىدۇ. بىر ئاكىسى بار، ئۇنىڭمۇ 4-5 بالىسى بار. ئىككى ئاچىسى بار، ئۇلارمۇ مۇشۇ كەلپىندە. ئاشۇ ئۆيدە شۇ قىز بالا بار. ئۇرۇق-تۇغقاننىڭ بالىلىرى ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىپ، خەۋەر ئېلىپ تۇرىدۇ.
2014-يىلى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ كەلپىن ناھىيىسىدە كوچا چارلاۋاتقان بىر قوراللىق ئەترىتى كېچىسى قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەن بىر موتسىكلىتلىق ئۇيغۇر بالىنى ئېتىۋەتكەن. ئېتىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر بالا ئابدۇباسىت دەل مۇشۇ ئاچال يېزىسى كۆل كەنتىنىڭ تۇرغۇنى ئىدى.
شۇ ۋەقەدە كۆل خەلقى ئابدۇباسىتنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ، نارازىلىق نامايىشى قىلغان. لېكىن دائىرىلەر، ئابدۇباسىتنىڭ ئائىلىسىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى داۋادىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغان ھەم نامايىشنىڭ بىر قىسىم تەشكىللىگۈچىلىرىنى جازالىغان ئىدى.
ئەمما، بىز ياقۇپ بارات ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ 2014-يىلدىكى نارازىلىق نامايىشى بىلەن چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكىنى دەلىللەلمىدۇق.