ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېغىر چەكلىمىلەر بىلەن باشلاندى
2018.05.16

بۇ يىللىق رامىزان جۇغراپىيەلىك ئورنىغا قاراپ بەزى دۆلەتلەردە 15-ماي، يەنە بەزى ئەللەردە 16-مايدا باشلىنىدىغانلىقى مەلۇم.
ئىسلام دىنىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئېتىقاد ئىبادەتلىرى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان، مۇمكىن قەدەر خاتىرجەم ئۆتكۈزىدىغان ئۇلۇغ ئايلارنىڭ بىرى. دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ھاياجان ئىچىدە رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋالغان بىر شارائىتتا ئۇيغۇر ئېلىدە خاتىرجەم ۋە خۇشال-خۇرام رامىزان ئېيىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. چۈنكى، ھەر ۋاقىت، ھەر تۈرلۈك چەكلىمە ۋە قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى رامىزان ئېيىدا ئادەتتىكىدىنمۇ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزانلىق ئىبادەتلىرىگە پاراكەندىچىلىك سېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىزچىل تۈردە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنىڭ 28 خىل ئىپادىسى»، «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ 75 خىل ئىپادىسى»، دېگەن يەرلىك مىزان، بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ساقال قويۇش، ھىجاپلىنىش، روزا تۇتۇش، قۇرئان ۋە باشقا دىنىي كىتابلارنى ساقلاش، ئىپتار بېرىش، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش، زاكات ۋە سەدىقە-پىتىر بېرىشتەك نورمال دىنىي ئىبادەت ھەم دىنىي قائىدە-يوسۇنلارنى چەكلىگەن. 2017-يىلى 4-ئايدا قانۇن چىقىرىپ، يۇقىرىدىكى بىر قىسىم ئىپادىلەرنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
دائىرىلەر بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر ئاشخانىلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدە تىجارىتىنى توختاتماسلىقىنى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت كادىرلىرىنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىدىن ساقلىنىش، ئىدارە ئورگانلاردا رامىزاندا ئۇيغۇر كادىرلارنى قەستەن ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇپ، چۈشلۈك تاماق يېيىشنى تەلەپ قىلىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلىرى شۇنىڭدەك رامىزان مەزگىلىدە ئايرىم بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى توسۇپ كەلمەكتە ئىدى.
ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دىننى «جۇڭگوچىلاشتۇرۇش» سىياسەت ۋە تەدبىرلىرى ئارقىلىق رايوندا مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەكلىمىلەرنى قويۇۋاتقان نۆۋەتتىكىدەك ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار رامىزاننى قانداق كېتىۋاتماقتا؟
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بولغان رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانىلارنى تاقاپ قويماسلىق بەلگىلىمىسىنى قانداق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، تېلېفوننى ئالغان كۈتكۈچى ئۇيغۇر قىز ھەتتا رامىزان دېگەن كەلىمىگىمۇ سەزگۈرلۈكىنى ئىپادىلەپ: «قاچانكەن رامىزان؟، بىز تۇتمىغاندىكىن بىلمەيدىكەنمىز» دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇنىڭ «قالايمىقان نومۇردىن كەلگەن تېلېفونغا جاۋاب بېرىشمۇ چەكلىنىدۇ» دەپ ئەسكەرتكىنى، بىرەر پېشكەللىكتىن قوغدىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك.
بىز يەنە بۇ يىل رامىزاندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرى ھەققىدە ئاقسۇدىكى مەلۇم ساقچىخانىدىن سورىدۇق، تېلېفوننى ئالغان ساقچى ناھايىتى قىسقا قىلىپ رامىزان ئېيى مەزگىلىدە نازارەت قىلىش ۋە ئامانلىقنى ساقلاشنى كۈچەيتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى، شۇڭا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
دائىرىلەرنىڭ مەخسۇس قانۇن ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئىزچىل دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىدىن توسۇپ ھەتتا ئەھدىنامىلەرگە قول قويغۇزۇپ كېلىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس، بۇ يىل دائىرىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى روزا تۇتقۇزماسلىق كېلىشىمىگە، ئاتا-ئانىلارمۇ قول قويغان.
ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئائىلىگە ئۇلانغان تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ روزا تۇتماسلىق ئەھدىنامىسىگە قول قويدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
قەشقەر پەيزىۋات ناھىيەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كەنت ئايال كادىرى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئادەم كېلىپ مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، رامىزان ھارپىسىدا پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ روزا تۇتۇشى، دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى چەكلەش ھەم رامزاندا ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىپ كەتكەنلىكىنى، كەنتتىكى كادىرلارنىڭ ئۆيلەرگە كىرىپ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت قىلماسلىق تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلگىرىدىنلا ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتلەر رامىزان ئېيى مەزگىلىدە نازارەت قىلىش ۋە ئامانلىقنى ساقلاشنى كۈچەيتىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆز-ئارا كۆز قۇلاق بولۇش تەدبىرىنىمۇ قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان بۇ خىل دىنىي چەكلىمە سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 14-ماي رامىزان ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا كاشىلا قىلماسلىققا، ئۇلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئەركىن بەجا كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى. باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلەيدىغانلىقى، روزا تۇتقان ئاممىنى تەقىب ۋە نازارەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان ئىدى.
باياناتتا قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «بۇ خىل بېسىم ۋە باستۇرۇش ئېغىر تېررورلۇق كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەر يىلى رامىزان ئېيىنى ۋەھىمە ۋە ئەنسىزلىك قاپلاپ، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ روزا تۇتۇشى، دىنىي تۇرمۇشى ئېغىر تەھدىتكە ۋە تەسىرگە ئۇچراپ كەلدى» دېيىلگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل رامىزان ھارپىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان چەكلەش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ئېغىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكى توغرىسىدا جانلىق كۆرۈنۈشلۈك شەكىلدە بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ دىنىي ۋە مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى توختىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا كاشىلا قىلماسلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.