قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى خادىمى: «مەكتىپىمىزدىكىلەر روزا تۇتسا ۋە ناماز ئوقۇسا جازالىنىدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.06.15
qeshqer-oqughuchi-ramzan-su.jpg قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا رامىزاندا سۇ ئىچكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى ئىيۇل.
Social Media

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى 2-ئىيۇن كۈنى «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش-قىلماسلىق ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنغانلىقى ھەم بۇ ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدالغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئەمما، دائىرىلەرنىڭ ئوخشاشلا تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە يېشى 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ روزا تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى داۋاملىق چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئىگىلىگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى رامىزان ئېيى باشلانغاندىن بۇيان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە ناماز ئوقۇشلىرىغا چەك قويۇشنى كۈچەيتكەن.

بىز بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارغا ئاساسەن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلىپ مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر نەپەر مەمۇرى كادىرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭ روزى تۇتمايدىغانلىقى، ناماز ئوقۇمايدىغانلىقى ۋە قىز، ئاياللارنىڭ ياغلىق چەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئۇنىۋېرسىتېت خىلاپلىق قىلغۇچىلار كۆرۈلسە چارە كۆرىدىكەن.

قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى 2015-يىلى 4-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى قۇرۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرىدۇر.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.