قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى ئەڭ بىمەنە ئۇسۇللار بىلەن چەكلىگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.07.08
qeshqer-oqughuchi-ramzan-su.jpg قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا رامىزاندا سۇ ئىچكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى ئىيۇل.
Social Media

ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر مەركىزى بولغان قەشقەردە شۇنداقلا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىردىن-بىر ئالىي مەكتەپ بولغان قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا رامىزان ئىبادەتلىرىنىڭ ئەڭ بىمەنە ۋاسىتىلەر بىلەن چەكلىنىشى دۇنيانى ھەسرەتتە قالدۇرماقتا.

مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان رامىزان ئېيى داۋام قىلماقتا. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى روزىدارلار، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەر تېخىمۇ ئۇچىغا چىققان ئۇسۇللار بىلەن داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئەپسۇسكى، خىتاي دائىرىلىرى ئىچكى جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزانلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز كونتروللۇقىدىكى تاراتقۇلارغا تايىنىپ بۇ خىل رېئاللىقنى تاشقى دۇنياغا پەردازلاپ كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى خو خەنمىن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «بىز پەقەتلا مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىشىنى ياخشى قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ياخشىراق يەپ-ئىچىشكە ئىلھاملاندۇردۇق، ئەمما ھېچقانداق ئادەمنى تاماق يېيىشكە مەجبۇرلىمىدۇق» دېگەن.

خىتاينىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۋاڭ خۇيكاڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغان.

ئۇنداقتا، خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جامائەتچىلىككە داۋراڭ سېلىۋاتقاندەك راستىنىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا يول قويۇۋاتامدۇ؟

بۇ سوئالغا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىمىز جاۋاب بېرىدۇ.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئوقۇغۇچى رامىزان كىرگەندىن بۇيان قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ بىمەنە ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ ئوقۇغۇچىلارنى روزا تۇتۇشتىن چەكلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپ دائىرىلىرى كۈندە ھەر بىر سىنىپقا كىرىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مەجبۇرىي سۇ ئىچكۈزگەن. چۈشتە سىنىپ مەسئۇلىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن  ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ تاماققا ئېلىپ چىققان. ئىپتار ۋاقتىدا مەكتەپ ئىچى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئاشخانا ۋە دۇكانلارنىڭ ھەممىسىنى تاقىتىۋەتكەن. ئۇندىن باشقا، ئىپتار ۋاقتى بولۇشنىڭ ئالدىدا ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىنىڭ دەرۋازىسىنى توسۇپ، سىرتتىن ئىپتارلىق ئۈچۈن تاماق ئەكىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تامىقىنى نەق مەيداندا ئۆزىگە يېگۈزۈپ تۇتقان روزىسىنى بۇزدۇرغان.

رامزان ۋاقتىدا ئەگەردە ناماز ئوقۇغان، روزا تۇتقان ياكى باشقا دىنىي ئىبادەتلەردە بولغان ئوقۇغۇچىلار بايقالسا ئۇلارنىڭ دىپلومى ياكى باكالاۋرلىق كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش ياكى مەكتەپتىن قوغلاشتەك جازا بېرىدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىپ تەھدىت سالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.