خوتەن خانئېرىقتا جۈمە كۈنى كەچتە ئېچىلغان جىددىي يىغىنغا قاتناشقان، 13-كەنت پارتكوم سېكرېتارى ئابدۇللا مەتقۇربان، مۇخبىرىمىزغا يىغىندا كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىنى دەپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە، شۇ كۈنكى نامايىشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بارغانسېرى جامائىتى كۆپىيىۋاتقان خانئېرىقتىكى بالاماس مەسچىتى ۋە كۈنسېرى ئىناۋىتى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىمامىنىڭ تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىپ، مەزكۇر مەسچىتتە جۈمە نامىزى ئوقۇشىنى چەكلىگەن. نەتىجىدە ئالدىنقى جۈمە كۈنى ساقچىلار بىلەن جامائەت ئارىسىدا دەتالاش يۈز بەرگەن. بۇ قېتىمقى جۈمەدە بولسا نامايىش يۈز بېرىپ، نامايىش قانلىق شەكىلدە تىنچىتىلغان.
بىز تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا كەنت پارتكوم سېكرېتارى ئابدۇللا مەتقۇرباننىڭ، نامايىشنىڭ يۈز بېرىش ۋە قانلىق بېسىقتۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، ئۇنىڭ نامايىشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدىكى بىلگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:
مۇخبىر: سىزنىڭ بىلىشىڭىزچە، نامايىشچىلارنىڭ تەلىپى نېمىكەن، نارازىلىقى نېمىكەن؟
سېكرېتار: باشقا نارازىلىقى يوق، شۇ ئۆتكەن جۈمەدىكى ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەيمەن.
مۇخبىر: ھە،ئۆتكەن جۈمەدىكىسى نېمە ئىش ئۇ؟
سېكرېتار: ئۆتكەن جۈمە كۈنى يېزىنىڭ 4 سىياسىي قانۇن خادىمىيو-ساقچىلار بىر پەند-نەسىھەت قىلىپ قويۇش ئۈچۈن(مەسچىت ئىمامىغا) بالاماس مەسچىتىگە بېرىپ، ناماز تۈگىگەندە ئىشىكنى تاقىغان) قۇلۇپ سېلىپ قورشاۋغا ئالغان(. بۇ چاغدا، ئۇلار(بىر قىسىم جامائەت) ئىمامنى ئارقا ئىشىكتىن قاچۇرۇۋېتىپ ئاندىن ئاللاھۇئەكبەر دەپ تەكبىر ئېيتىپ ساقچىلارنىڭ ئالدىغا قاراپ يۈگۈرگەن (ساقچىلارغا قاراپ ئېتىلغان). ئۇ كۈنى ساقچىلار باشقا چارە قوللانماي ئاز بولغاچقا قېچىپ يېنىپ كەلگەن.
مۇخبىر: سىياسىي قانۇن كادىرلىرى ۋە ساقچىلار قاچقان گەپمۇ؟
سېكرېتار: شۇنداق، شۇنداق بولمىسا ئۇلارغا يەم بولۇپ كېتىدۇ. ئاشۇنداق ئېھتىمال بولغاچقا باشقا چارە قوللانماي قېچىپ كەلگەن.
مۇخبىر: بىزگە بىر ئىنكاستا دېيىلىشىچە، سىز دېگەندەك، ئالدىنقى جۈمەدە بىر تۈركۈم جامائەت ئىمامنى قاچۇرۇۋەتكەن ۋە ساقچىلارغا ئېتىلغاندىن كېيىن، كەچتە ساقچىلار شۇ ئىمامنى ۋە ئىمامنى قاچۇرۇۋەتكەنلەرنى تۇتقان؛ بۇ قېتىمقى جۈمە نامىزىدىن كېيىن جامائەت شۇ تۇتۇلغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە قاراپ ماڭغان، بۇ گەپ توغرىمۇ؟
سېكرېتار: مەن ئۇ جۈمەدە تۇتۇلغانلارنى ئاڭلىمىدىم.
مۇخبىر: ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى قېچىشقا مەجبۇرلىغۇدەك تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلەرنى تۇتماسلىقى، سۈرۈشتە قىلماسلىقى مۇمكىنمۇ؟
سېكرېتار: سىياسىي قانۇندىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتىم يېقىن، ئەھۋاللىشىپ تۇرىمەن، ئۇ كۈنكى ئىشنى سوراپ باقىدىغانغا ۋاقىت بولمىدى.
مۇخبىر: سىزچە، نامايىشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى نېمە؟
سېكرېتار: مەن نامايىشنىڭ باش سەۋەبكارى شۇ ئىمام دەپ قارايمەن. ئىمام مەسچىتتە ھە دېسىلا غازاتنى تەشۋىق قىلىپ (ھۆكۈمەتنىڭ يېزىپ بەرگىنىنى ئوقۇماي) شۇ تەرەپكە يېتەكلەۋەرگەندىن كېيىن، ياشلار قايمۇقۇپ بىر قىسمى زىيان زەخمەتكە ئۇچراپ كېتىپ قالدى، بىر قىسمى ئىسسىق جېنىدىن ئايرىلىپ كېتىپ قالدى.
مۇخبىر: ساقچىلارنىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا(مەيلى پەند-نەسىھەت قىلىش ياكى تارقىتىش دېگەندەك) مۇئامىلىدە قوپاللىق قىلغان ياكى ئارتۇق كۈچ قوللانغان ئەھۋالىنى بايقىمىدىڭىزمۇ، ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟
سېكرېتار: ئۆزىمىزدىن كەتكەن يېرىمۇ بار. ئۇ كىچىك بىر مەسچىت، بەش ۋاق ناماز ئوقۇشقىلا بولىدىغان، جۈمە نامىزىغا ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلمىغان. باشتىلا «بۇ جۈمە نامىزىغا رۇخسەت قىلىنمىغان مەسچىت» دەپ تەربىيە قىلىنغان بولسا، بۇ پاجىئە يۈز بەرمەيتتى.
مۇخبىر: دېمەك، سىز ساقچىلاردا مەسىلە يوق، خاتالىق ئاساسى قاتلام كادىرلىرىدا دەپ قارامسىز؟
سېكرېتار: مېنىڭ دەيدىغىنىم، ئۇ يەردە ياچېيكا سېكرېتارى، سىياسىي قانۇن مۇدىرى دەيدىغان ئادەملەر بار، ئۇلار ئۇياققا ئۆتۈپمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، بۇ ياققا ئۆتۈپمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، كۈن ئۆتۈپ ئاي ئۆتۈپ، بۈگۈنكىدەك، ياچېيكا مەسچىتنى باشقۇرىدىغان ئەمەس، مەسچىت ياچىكىنى باشقۇرىدىغان ۋەزىيەتكە كېلىپ قالغان.
مۇخبىر: مەسچىتنىڭ جامائىتى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن، ئىمامنىڭ ئىناۋىتى بارغانسېرى ئاشقان گەپمۇ؟
سېكرېتار: شۇنداق، قاراڭ ئۆتكەن جۈمە نامىزىغا ئۇ يەرگە(بالاماس مەسچىتىگە) 150-200 ئادەم بارغان بولسا، بۇ جۈمەدە 400-500 ئادەم توپلانغان.
مۇخبىر: شۇ بالاماس مەسچىتىنىڭ ئىمامىنىڭ ئىسمى نېمە؟
سېكرېتار: مەسچىت باشقا كەنتتە، (11-كەنتتە) بولغاچقا، ئىسمىنى بىلمەيدىكەنمەن.
يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بالاماس مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەسچىتتە خىتاينىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلمىغانلىقى ۋە دىنىي تەلىماتلارنى ساپ ۋە توغرا تەبلىغ قىلغانلىقى ئۈچۈن مەسچىتنىڭ جامائىتى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن ۋە ئىمامىنىڭ ئىناۋىتى بارغانسېرى ئاشقان. بۇنىڭدىن خىتاي دائىرىلىرى بىئاراملىق ھېس قىلغان. نەتىجىدە خىتاي ساقچىلىرى ئىمامنى ئاۋارە قىلىشقا ۋە مەسچىتتە جۈمە نامىزى قىلىشنى توسۇشقا ئۇرۇنغان. مانا بۇ، بۇ قېتىمقى قانلىق خانئېرىق ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان.