مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خادىملىرى مەخسۇس ئىسلام دىنى توغرىسىدا لېكسىيە ئاڭلاپ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىنى تولۇقلىغان. بۇ خەۋەر ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا
خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى گۇ جىڭچىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىسلام دىنى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
كونسۇلخانىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 15 - مارت كۈنى كونسۇلخانىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا تۈركىيە - خىتاي مەدەنىيەت جەمئىيىتى رەئىسى ئىرفان كارسلى ئەپەندى ئىسلام دىنى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.
دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى باش كونسۇل گۇ جىڭچى قىلغان بولۇپ، ئۇ نۇتقىدا تۈركىيەنىڭ غەربىي ئاسىيا بىلەن شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇھىم بىر مۇسۇلمان دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، «ئىسلام دىنى توغرىسىدا ئۆگەنگەن مەلۇماتلارنىڭ كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا خادىملىرىغا بېرىلگەن دوكلاتتا ئىرفان كارسلى ئەپەندى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، تەرەققىياتى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە ئىسلامىي ئۆرپ ۋە ئادەتلەر قاتارلىق مەزمۇنلاردا مەلۇمات بەرگەن.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ دوكلات بېرىش يىغىنى تۈركىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدا ئىسلام دىنى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق دوكلات بېرىش يىغىنى بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتايلارنىڭ ھازىرغىچە پۈتۈن دىنلار توغرىسىدا مەلۇماتى يوقلۇقىنى، كېيىنكى يىللاردا ئىسلام دىنى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىسلام دىنىدا ئوتتۇرا يولنى تاللاش سىياسىتى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي كونسۇلخانىسىمۇ تۈركىيەدىكى مۇسۇلمانلىقنى ئۆگىنىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ئىسلام دىنىنى ياخشى ئۆگىنىپ مۇسۇلمانلارغا ياخشى سىياسەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، مۇسۇلمانلارنى ياخشى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۆگىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيىدا تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قىلغان نارازىلىقى نەتىجىسىدە خىتاي كونسۇلخانىسى ئىسلام دىنىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇنداق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى خىتاي ئىسلام دىنىنى ياخشى چۈشەنگەن بولسا، ئۇيغۇرلارغا بۇنداق زۇلۇم قىلمايدىغانلىقىنى، خىتاي تۈركلەرنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قىلغان بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ تۈركلەرنى ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 15 - مارت كۈنى ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىسلام دىنى ۋە قۇرئانى كەرىم توغرىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنى تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىن ئىكەن.