يېقىندا ۋاتىكاننىڭ ئاللىقاچان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتايدىكى كاتولىك چوڭ پوپىنى تەيىنلەش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى كاتولىك جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بىر قىسىم كاتولىك جامائەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋاتىكان پاپاسىغا خەت يېزىپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىغا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋە تىبەت بۇددىستلىرىغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
يېقىندىن بۇيان خەۋەرلەردە، ۋاتىكاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتايدىكى كاتولىك چوڭ پوپىنى تەيىنلەش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولغان تەقدىردە، ۋاتىكان پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى تاللاپ بەرگەن نامزاتلار ئىچىدىن بىرىنى چوڭ پوپ قىلىپ بېكىتىدىغان بولۇپ، بۇ شۇنداقلا يەنە، خىتايدىكى ۋاتىكان ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلماي كەلگەن «ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك دىنى جەمئىيىتى» قارمىقىدىكى 8 چېركاۋنىڭمۇ ۋاسىتىلىك ھالدا ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا بۇ خەۋەر خىتايدىكى «يەر ئاستى چېركاۋلىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بولمىغان چېركاۋلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى كاتولىك چېركاۋىنىڭ سابىق پوپى جوسېف زېن ۋاتىكان ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلىدە كېلىشكەن تەقدىردە، بۇنىڭ ۋاتىكاننىڭ ئەڭ زور خاتالىقى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە بۇ خىتايدىكى خرىستىىئان مۇرىتلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بېسىمغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق -ئاشكارا تەنقىد قىلىپ كەلگەن سابىق پوپ زېننىڭ بۇ سۆزلىرى باشقا كاتولىك جامائەتلىرىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە. دۈشەنبە كۈنى يەنە، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى، كاتولىك چېركاۋى ئەزاسى، يازغۇچى بېنېدىك روجېرس «خاففىڭتون پوچتىسى گېزىتى» دە ۋاتىكان پوپى فىرانچىسغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇنى بۇ مەسىلىنى قايتا ئويلىنىپ كۆرۈشكە چاقىردى.
ئۇ مەكتۇپىدا مۇنداق دەپ يازغان: «ئۆتكەن 3 يىل مابەينىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى زور دەرىجىدە چېكىندى. يۈزلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى پەقەتلا دىنىي ئەركىنلىكنى ۋە ئىنسان ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىندى. مىڭلىغان كرىست بەلگىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. نۇرغۇن خرىستىئان مۇرىتلىرى، كاتولىكلەر، پروتېستانتلار ھېلىھەم تۈرمىدە. تىبەت بۇددىستلىرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى بولسا زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا. سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش مەسىلىسىمۇ داۋام قىلماقتا. نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبومۇ ھېلىھەم تۈرمىدە. خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىمۇ مانا ھازىر بۇزغۇنچىلىق ئىچىدە... قەدىرلىك پوپ، بەلكىم سىز چوڭ پوپ جوسېف زېننىڭ قىلغان سۆزلىرىدىن خەۋەر تاپقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا مەن ئۇنى تەكرارلاپ ئولتۇرمايمەن. مېنىڭ دەيدىغىنىم، پەقەت ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس. خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ئومۇمىي جەھەتتىن چېكىنگەن، باشقا دىنلارمۇ قاتتىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، ئادۋوكاتلارغا زومىگەرلىككە ئۇچراپ، پىكىر ئەركىنلىكى رەت قىلىنىۋاتقان بۇنداق بىر ۋاقىت كاتولىك چېركاۋلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىدىغان ۋە بويۇن ئېگىدىغان ۋاقىت ئەمەس... قانداقسىگە بىر كوممۇنىست، چىرىكلەشكەن، زالىم ۋە ۋەھشىي بىر ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بىر پوپنى قوبۇل قىلغىلى بولسۇن؟»
ئاپتور بېنېدىك روجېرس ئوچۇق خېتىدە، ئۆزىنىڭ كاتولىك بولۇشىدىكى ئەڭ ئاساسىي سەۋەبنىڭ ئۇنىڭ ئادالەت ۋە كىشىلىك ھوقۇققا بەرگەن قىممىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ۋاتىكان پوپىنىمۇ مانا بۇ ئەنئەنىگە ۋە پرىنسىپقا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، ۋاتىكاننىڭ بۇنداق قارار بېرىشىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىقىنى بىلدۈردى.
ۋال سترىت ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاتىكاندىكى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر ۋاتىكاننىڭ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى چېركاۋلارنى قوغدىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، بۇ سۆزمۇ سابىق چوڭ پوپ زېننىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇ سۆزىدە «ئۇنداق يالغان پوپلارنىڭ قولىغا قالغاندىن كۆرە، پوپنىڭ بولمىغىنى ياخشىراق. ساختا پوپلار چېركاۋلارنى ۋەيران قىلىدۇ. مەنچە ۋاتىكان پوپى فىرانچىس كوممۇنىزمنى ھەقىقىي تۈردە چۈشەنمەيدىكەن» دېگەن. ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ۋاتىكان ئەگەر ھەقىقەتەن خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش ئارقىلىق چېركاۋلارنى قوغداشنى ئويلىشىۋاتقان بولسا، بۇنىڭ ئامېرىكا ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى تەكرارلىغانلىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ ھەرقانداق سىياسىي تۈزۈمدىن خالىي بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
شى جىنپىڭ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا بىردەك قەيت قىلىنماقتا. تېخى يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ «كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش سىياسىتى» نى يولغا قويۇپ، ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك كادىرلارنى 3 يىللىق ۋەزىپە بىلەن يېزا ۋە كەنتلەرگە چۈشۈرۈپ، مەسچىتلەرنى باشقۇرۇش، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ دىنىي كەيپىياتىنى ئىگىلەشكە سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. خوتەندىكى ئۇزىتىش مۇراسىمىدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ جېنبياۋ مەسچىت باشقۇرۇشقا چۈشكەن كادىرلاردىن «كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش خىزمىتى» نى ياخشى ئىشلەپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇش، دىننى زامانىۋى تۇرمۇشقا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى، دىنىي زاتلارنى ۋە ئېتىقادچى ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشنى ئوچۇق -ئاشكارا تەلەپ قىلغان ئىدى.