تۇڭگانلارنىڭ «جۇڭگو مۇسۇلمانلار تورى» بىر سىياسىي ماقالە سەۋەبلىك تاقىۋېتىلگەن

0:00 / 0:00

«جۇڭگو مۇسۇلمانلار تورى» ئۆتكەن شەنبە كۈندىن باشلاپ تاقىلىپ قېلىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ تاقىلىپ قېلىش سەۋەبى ھەر خىل پەرەز ۋە گۇمانلارنى قوزغىغان ئىدى.

مەزكۇر تورنىڭ بىر باشقۇرۇش خادىمى پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا ئۇنىڭ تاقىۋېتىلىپ قېلىش سەۋەبىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تورنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا چەتئەلدىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەزكۇر توردا خىتاي رەھبەرلىرىنى تەنقىد قىلىپ يازغان بىر سىياسىي ماقالىسى سەۋەب بولغان.
مەزكۇر تورنىڭ ما فامىلىلىك بىر باشقۇرغۇچىسى، تور بېتىنى گەنسۇ ئۆلكىلىك تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ تاقىۋەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىش -كەلمەسلىكى ھازىر مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ما ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ماقالە ئېلان قىلىش سەۋەبلىك تاقالدى. يەنى مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ مەزمۇنى تاقىلىشقا سەۋەب بولدى. ئۇنىڭ مەزمۇنى دۆلەت رەھبەرلىرىگە چېتىشلىق ئىكەن. شۇنداق گەپلەر بولدى. ئۇنىڭ ئېچىلىش-ئېچىلماسلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ھازىر پۈتۈن تور تاقاپ قويۇلدى. بۇنى گەنسۇ تەشۋىقات بۆلۈمى، يەنى گەنسۇ ئۆلكىلىك تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى تاقايدۇ. بۇ تور ئەسلى بىر مۇنبەر. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىدە مۇنبەرگە ئېلان قىلىنغان نەرسە تەكشۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنىدۇ. لېكىن تورغا چىققۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا تورداشلار ئۇنى تورغا قويۇۋەتكەن. تور باشقۇرغۇچىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمەيلا ئېلان قىلىنىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ماڭىمۇ مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ دىن بىلەن ئالاقىسى يوق، بەلكى ئۇنىڭدا دۆلەت رەھبەرلىرىنى تىللىغان بولسا كېرەك.»

«جۇڭگو مۇسۇلمانلار تورى» خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىيات كۈچەيگەن، خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ۋە بەزى ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مۇسۇلمانلارنى ئاشكارا كەمسىتىدىغان، چەتكە قاقىدىغان ماقالە، پىكىر ۋە مۇنازىرىلەر ئەۋج ئالغان بىر مەزگىلدە تاقالدى.

ما ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان دىنىي سىياسىتىگە ئىجابىي باھا بەرگەن بولسىمۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ما ئەپەندى: «دىنى مەسىلىدە بىزنىڭ دۆلەت نىسبەتەن ئەركىنرەك. ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن ئالغاندا دۆلەت يەنىلا ھەر تەرەپتىن قوللايدۇ ۋە ئەركىن. ھۆكۈمەتنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا ھېچقانداق بىر چەكلىمە يوق. بىراق غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى مازاق قىلىدىغان خاھىش بار. مەسىلەن، بىز توردا ئىسلامنىڭ بەزى ئىجابىي تەرەپلىرىنى ئېلان قىلساق، ئۇلار بۇنى بۇرمىلايدىغان قاراش ۋە باھالارنى ئېلان قىلىدۇ ياكى ھاقارەتلەيدىغان نەرسىلەرنى يازىدۇ. مەسىلەن، مۇسۇلمانلارنىڭ چوشقا گۆشى يېمەسلىك مەسىلىسىدە، سىلەر مۇسۇلمانلار يېمىگەن بىلەن باشقىلار يەيدۇ، دېگەندەك نەرسىلەر كۆپ يېزىلىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ پىكرىگە ئۆكتە قوپىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈننىڭ قارىشىچە، بۇ تورنىڭ تاقىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق تۇڭگان رايونلىرىغا كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

ما خەيييۈن مۇنداق دەيدۇ: «ئالاھازەل 2 يىل ئاۋۋال شىنجاڭدىكى باستۇرۇش سىياسىي چىڭخەي، گەنسۇ، نىڭشيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكىرىدىكى رايونلارغا كېڭىيىشكە باشلىدى. مەن بەزى خىتاي تەتقىقاتچىلىرىدىن سورۇدۇم، تۇڭگانلاردا 3' خىل كۈچلەر' يوق، شۇنداق تۇرۇپ نېمىشقا بۇنداق سىياسەت يۈرگۈزۈلىدۇ، دەپ. ئۇلارنىڭ جاۋابى، شىنجاڭنىڭ كۈچى، يەنى قاتتىق قول كۈچلەر مەركەزدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. شۇڭا، ئۇلار شىنجاڭدىكى سىياسەتنى ئىچكىرىگە تېڭىۋاتىدۇ. ئۇلار، بىز شىنجاڭدا دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇۋاتساق، سىلەر چىڭخەي، گەنسۇدا ھالال يېمەكلىك مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتىسىلەر، دېگەننى باھانە قىلدى.»

پروفېسسور ما خەييۈن، ئىچكىرىدىكى تۇڭگانلارنىڭ ھەرىكىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمرانلارنى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىچكىرىدىكى تۇڭگانلارنىڭ بۇ نەرسىسى شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلارغا بىر شاپىلاق بولۇپ تەگكەن. ئەسلىدىلا ئۇلار شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىپ كەلگەن. لېكىن ئۇلار نىڭشيا، گەنسۇ، چىڭخەي ۋە باشقا رايونلاردىكى ھالال يېمەكلىك ۋە باشقا مەسىلىلەردىكى كۈچلۈك تەلەپنى كۆرۈپ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. چۈنكى، بۇ شىنجاڭدىكى قالايمىقانچىلىق ئۇيغۇرلاردىكى مەسىلە ئەمەس، سېنىڭ باشقۇرۇشۇڭدىكى، دىنىي سىياسىتىڭدىكى مەسىلە، دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇلار بۇنىڭغا چىدىمىدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ سىياسىتىنى ئىچكىرىگە كېڭەيتىشكە باشلىدى.»

لېكىن پروفېسسور ما خەييۈننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي سىياسىتىنى ئىچكىرىدىكى تۇڭگانلارغا ئەينەن كۆچۈرۈپ يۈرگۈزۈش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چەكلىك ئىكەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئۇچۇرنى كونترول قىلالىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىچكىرىدىكى تۇڭگان رايونلىرىدا كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«جۇڭگو مۇسۇلمانلار تورى» 2003‏-يىلى قۇرۇلغان لەنجۇدىكى بىر تور بەت. مۇسۇلمان تۇڭگانلار خىتاي تىلىدىكى بۇ تور بېتىنىڭ ئاساسلىق ئابونتى بولۇپ، مەزكۇر تور بېكىتى ئىلگىرى بەزى تۇڭگان ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويغان «ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش قانۇن لاھىيەسى» نى قوللىغان. ئەمما خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بۇ تەكلىپ لاھىيەنى قۇرۇلتاي كۈنتەرتىپكە قويمىغان ئىدى.