ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا «دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى چەكلەش» ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان.
تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكاسلار ۋە رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خوتەندىكى يېزا كادىرلىرىغا «روپاش ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىش ۋەزىپىسى» تاپشۇرۇلغان بولۇپ، يېزا، كەنت، مەھەللە كادىرلىرى يېزىلىق ھۆكۈمەت قاتارلىق جايلار بىلەن «ئۆزى ھۆددىگە ئالغان ئائىلىلەردە روپاش ئاياللار بولماسلىق توختامنامىسى» ئىمزالىغان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان «قەشقەردىكى كۇتۇپخانىلارغا روپاش ئاياللارنىڭ كىرىشىنى چەكلەش»،«تۆۋەن كاپالەتلىك ياردەم پۇلى ئالىدىغان ئائىلىلەردە روپاش ئاياللار بولماسلىق» قاتارلىق ئۇقتۇرۇشلاردىن كېيىن، يېقىندا ئۇيغۇربىز تورى، ئۈندىدار قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە «لەڭگەر يېزىسىدىكى روپاش ئاياللارنى دۆلەت كادىرلىرى ۋە كەنت كادىرلىرىغا ھۆددىگە بېرىش توختامنامىسى» ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ «ياغلىق ئارتقانلارنىڭ كېسىلىنى كۆرمەسلىك» توغرىسىدا يىغىن ئاچقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلدى.
ئۇيغۇربىز تورىدا 13-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى 9-ماي كۈنى ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ھەرقايسى دوختۇرخانىلار ۋە شەخسى دوختۇرخانىلار ۋەكىللىرىگە يىغىن ئېچىپ «دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسىتىشكە كەلگەن ئاياللاردىن باش ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىش» نى ئۇقتۇرغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى ئەزىز مۇسانىڭ «ھەرقايسى دوختۇرخانىلار يۇقىرىنىڭ يوليورۇقىغا ماسلىشىپ، دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسىتىشكە كەلگەن روپاش ئاياللارنىڭ چۈمبىلى ۋە باش ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىش، رەت قىلغانلارنىڭ كېسىلىنى كۆرمەسلىك؛ كېسەللەر ۋە كېسەلگە قارىغۇچىلارنىڭ دوختۇرخانىدا ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلماسلىق، دوختۇرخانىدىكى ئەر خىزمەتچىلەرنىڭ ساقال قويۇشىغا، ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ ياغلىق ئارتىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق» ھەققىدىكى تەلەپلىرى يەتكۈزۈلگەن.
خوتەندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئۆز بايانلىرىدا، نۆۋەتتە خوتەندە روپاش ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىۋېتىش، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىغا رۇخسەت قىلماسلىق ھەققىدىكى تۈرلۈك ئۇقتۇرۇشلار ھەرقايسى يېزا،كەنت ئاھالىلەر كومىتېتلىرىغا تارقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ خانىم-قىزلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە،خوتەندە روپاش ئاياللارنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا يۈرۈشى چەكلەنگەندىن باشقا، ئەرلەرنىڭمۇ ساقال قويۇشى چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدە يېزا-كادىرلىرى ئۆي-ئۆيلەرگە كىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلغان.
تور بېكەتلىرىدە تارقىلىپ يۈرگەن سۈرەتلىك خەۋەر «لەڭگەر يېزىسىدىكى روپاش ئاياللارنى دۆلەت كادىرلىرى ۋە كەنت كادىرلىرىغا ھۆددىگە بېرىش توختامنامىسى» دىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېزىدىكى ياكى مەھەللىلەردىكى روپاش ئاياللارنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار ئەگەر ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىسا، ئۇلارنىڭ ھەر ئايلىق مائاشىدىن 100 سومدىن 500 سومغىچە تۇتۇپ قىلىنىدىغانلىقىغا رازىلىق بىلدۈرۈپ ئىمزا ئېتىش تەلەپ قىلىنغان.
تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكاسلار ۋە چەتئەل مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەۋج ئالغان «ئاياللارنىڭ دىنىي تۈس ئالغان كىيىنىشىگە يول قويۇلماسلىق»، «40 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر ساقال قويماسلىق» قاتارلىق بۇيرۇق، ئۇقتۇرۇش ۋە تەلەپلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، دائىرىلەرنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەر خىل دىنىي چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا مۇناسىپ كىيىنىشىگە يول قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.