ياپونىيەدە مۇسۇلمانلار ئەركىن ئىبادەت قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2014.08.20
yaponiye-islam-dini-1-305.jpg ياپونىيەدە مۇسۇلمان بولغان ئايال
RFA/Qutluq


ياپونىيە قانۇنىدا ياپون پۇقرالىرىنىڭ شۇنداقلا چەتئەللىكلەرنىڭ تىنچلىق ئاساسىدا دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ۋە ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ھەر قانداق دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ياپونىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلۈك ئىسلامىي تەشۋىقلارنى ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە ياپونىيە جەمئىيىتىدە ھازىر يالغۇزلا ياپونلار ئەمەس، بەلكى كۆپلىگەن چەتئەللىكلەرمۇ ئۆزلىكىدىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماقتا.

مانا شۇلارنىڭ بىرى، ياپونىيەدە ياشاۋاتقان چەتئەللىكلەردىن كانادالىق خرىستىئان دىنىدىكى قىز لېن خەدىچە، 15 - ئاۋغۇست كاگوشىما مەسچىتىدە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى.

ياپونىيەگە ئىسلام دىنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن رەسمىي تارقالغان بولۇپ، ئىلگىرى كۆپلىگەن قازان تاتارلىرى، كېيىن ئۇيغۇرلار ياپونىيەگە كېلىپ ئىسلام دىنىنى تارقاتقان. شۇندىن ئىتىبارەن ئىسلام دىنى ياپونىيەدە گۈللىنىشكە باشلاپ، كوبى، توكيو قاتارلىق شەھەرلەردە مەسچىت ۋە مەدىرسلەر بىنا قىلىنغان.

توكيوغا سېلىنغان تۇنجى مەسچىتتە 1939 - يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي قوماندانى مەھمۇت مۇھىتى بىلەن بىرلىكتە، ياپونىيەگە كەلگەن دىنىي ئالىم مۇھەممەد ئىمىن قەشقەرى ئۇزۇن ۋاقىت ئىماملىق قىلغان.

مۇھەممەد ئىمىن قەشقەرى توكيودا تەسىس قىلىنغان تۈركىستانلىقلارنىڭ «يېشىل ئۆي» ناملىق ئىسلام مەركىزىدە ياپونلارغا قۇرئان ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن. ئۇنىڭ تۇنجى قىز ئوقۇغۇچىلىرىدىن سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر تىلىنى پىشىق ئۈگەنگەن ۋە ئەڭ ئاخىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ئىنىسى ئوسمان بىلەن توي قىلغان.

ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ ياپونىيەدە بىر قىسىم ياپون قىزلىرى مۇسۇلمانلار بىلەن نىكاھلىنىپ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقتىن ياپون مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە خانىم - قىزلارنىڭ سانى ھەممىدىن كۆپ ھېسابلىنىدۇ.

يېقىندىن بۇيان ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ياپونىيەدىكى ئاساسلىق ئايرودروملاردا ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئۆيلەرنى تەسىس قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ سەپەر ئۈستىدىمۇ ئىبادەت قىلىشىغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە.

ياپونىيەدە پۇقرالارنىڭ دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ۋە ھەر قانداق دىنغا ئېتىقاد قىلىشى ئەركىنلىكى بولغاچقا، ھازىر ياپونلارلا ئەمەس، بەلكى كۆپلىگەن چەتئەللىكلەرمۇ ئۆزلىكىدىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماقتا. 15 - ئاۋغۇست كاگوشىما مەسچىتىدە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان كانادالىق قىز لېن خەدىچە ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

شۇ كۈنكى شاھادەت ئېيتىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن سۆز قىلغان ياپونىيە ساتسۇما ئىسلام مەركىزىنىڭ رەئىسى، كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور دوكتور ھىشام، خىرىستىيان دىنىدىكى بىر كانادالىق قىزنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزلىكىدىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئىمان ئېيتىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى ۋە ھازىر شاھادەت ئېيتىش مۇراسىمىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىسلامىي كىيىملەر بىلەن كىيىنگەن، بېشىغا ئۇيغۇرچە ئەتلەس رومال ئارتقان، خەدىچە پروفېسسور ھىشامغا ئەگىشىپ پەس ئاۋازدا شاھادەت ئېيتىشقا باشلىدى. خەدىچە ئىمان ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن جامائەت ئۈنلۈك ئاۋازدا تەكبىر توۋلاپ ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى مۇبارەكلىدى. خەدىچەگە ساتسۇما ئىسلام مەركىزى نامىدىن مۇسۇلمان بولغانلىق گۇۋانامىسى بېرىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەدىچە مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى ياخشى ھېسسىياتتا بولۇۋاتقانلىقىنى، ئىمان ئېيتقانلىقىدىن تولىمۇ مەنمۇنلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قۇرئان كەرىمنى تېخىمۇ قېتىقىنىپ ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پىداگوك خەيىرىنىسا خانىم خەدىچەنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

خەدىچەنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى لېن بولۇپ، كانادادا بىر فرانسۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتا - ئانىسى كۈچلۈك خرىستىئان دىنى مۇرىتلىرىدىن بولۇپ، ئۇمۇ تەقۋادار خرىستىئان مۇخلىسلىرىدىن بولۇپ يېتىلگەن.

خەدىچە بالىلىق ۋە ئوسمۇرلۇك دەۋرىدىن تارتىپلا كۆپ مىللەت ۋە ھەر - خىل مەدەنىيەتلەر ئىچىدە چوڭ بولغان. ئالىي مەكتەپتىكى چېغىدا ئافرىقىدىكى كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرىگە بېرىپ شۇ يەردىكى خرىستىيان مۇرىتلىرىنىڭ خالىسانە خىزمەتلىرىدە بولغان.

خەدىچە كېيىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيەدە كېلىپ تۇرۇپ قالغان. ئۇ، ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر، ئۇردۇ، ئەرەب قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئىنچىلىك بىلەن كۆزىتىپ دىققەت قىلىپ كەلگەن.

خەدىچە ئىسلامغا بولغان كۈچلۈك قىزىقىشى شۇنداقلا قۇرئان كەرىم بىلەن ئىنجىلنى سېلىشتۇرما تەرىقىسىدە تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشى نەتىجىسىدە، ئۆزىنىڭ ھايات نىشانىدىكى ئەقىدىسىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى لايىق كۆرگەن.

كانادالىق قىزنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان، ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان خانىم نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن «مۇتەئەسسىپلىك كىيىملىرى» دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ ئىسلامىي كىيىملىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خۇراپاتلىق دەپ باستۇرۇلۇۋاتقان ئىسلامى پائالىيەتلەر ۋە ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ ئىسلامىي ئەخلاق بىلەن كىيىنىشىگە قويۇلۇۋاتقان چەكلىمىلەر توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.