2019-يىللىق دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى ۋاشىنگتوندا باشلاندى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.07.15
diniy-erkinlik-2019-yighin-1.jpg

2019-يىللىق دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 15-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Gülchéhre

diniy-erkinlik-2019-yighin-2.jpg

2019-يىللىق دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 15-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Gülchéhre

diniy-erkinlik-2019-yighin-3.jpg

2019-يىللىق دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 15-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Gülchéhre

diniy-erkinlik-2019-yighin-4.jpg

2019-يىللىق دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 15-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Gülchéhre

diniy-erkinlik-2019-yighin-5.jpg

2019-يىللىق دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 15-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Gülchéhre

diniy-erkinlik-2019-yighin-6.jpg

2019-يىللىق دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 15-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Gülchéhre

diniy-erkinlik-2019-yighin-7.jpg

2019-يىللىق دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 15-ئىيۇل، ۋاشىنگتون. RFA/Gülchéhre

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرغان 2019-يىللىق دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، ۋاشىنگتوندىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىق مۇزېيىنىڭ يىغىن زالىدا 15-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن 11:30 دا باشلاندى.

يىغىنغا 20 دەك دۆلەتتىن كەلگەن، ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك ئېغىر باستۇرۇش ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان مىللەت ۋە دىنىي جامائەت ۋەكىللىرى، باستۇرۇشلاردىن ساق قالغان شاھىتلار، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى، ژۇرنالىستلار بولۇپ 100 گە يېقىن ۋەكىللەر ۋە ئالاھىدە مېھمانلار قاتناشتى.

ئېچىلىش مۇراسىمى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندىنىڭ مېھمانلارنى قارشى ئېلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى. سام بوۋنبەك: «دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى، بىز بۈگۈن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھشىي ۋە ئېچىنىشلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خاتىرە مۇزېيى بولغان يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مۇزېيىدا باشلىدۇق. بىز بۇ ئالاھىدە خاتىرە مۇزېيدا تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرى بولغان دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرى قوغدالمىغاندا، ئۇلارنىڭ يەنە قانداق باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقلارغا يۈزلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان چوڭقۇر ئەندىشىمىزنى ئىپادىلەيمىز. شۇنداقلا خەلقلەرگە ئېتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتلەرنى ئۇلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى توختىتىش ۋە بارلىق شەخسلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا بولۇپمۇ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى

يىغىندا يەنە سۆزگە چىققان يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى شاھىتلىرى ۋە ۋەكىللەر بىردەك ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلار ئۇچرىغان قىرغىنچىلىقتەك دۇنيا تارىخىدىكى ئېچىنىشلىق تراگېدىيەنىڭ ئەسلا قايتىلانماسلىقىنى ھەر قانداق ھۆكۈمەت، جامائەت ۋە ھەر بىر شەخس بۇرچ دەپ بىلىشى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

يىغىنغا ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگوڭ قاتارلىق خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان جامائەتلەر ۋەكىللىرىمۇ شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتناشتى، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەر ئىلھاممۇ ئالدىدىكى رەتتىن ئورۇن ئالدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەۋھەر، ئۆزىنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقىنىدىن ئىنتايىن ھاياجانلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىر تەرەپتىن كۆڭلى يېرىم بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەن دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ بۈگۈنكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتىم، ئەتە يەنە 16-ئىيۇل يىغىندا مىنىستىرلار ۋە ۋەكىللەر ئالدىدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىمەن. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن ۋە ھاياجانلىنىۋاتىمەن، ئەمما مىللىتىمىزنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ۋە زۇلۇمنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى قانچىلىك گۈزەل مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىدەك تەرەپلىرىدىن دۇنياغا تونۇتقان بولساق قانداق ياخشى بولاتتى-ھە؟ بۇ تەرىپى كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدۇ. مەن بىزگە سۆز پۇرسىتى بېرىلگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، كەلگۈسىدە شۇنداق ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن دۇنياغا ئۆزىمىزنى تونۇتۇش پۇرسەتلىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي جامائەتلەر ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى نوكس تەمس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ؛ «پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بۈگۈننىڭ ئۆزىدە 80% خەلقنىڭ يەنىلا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، ئوخشىمىغان جايلاردا ئوخشىمىغان باستۇرۇشلار داۋام قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۈگۈن خەلقئارادىكى دىنىي جامائەت ۋەكىللىرىنىڭ بۇ يەردە جەم بولۇشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدىكى ئىرادىسىنى ئىپادىلەش ئىنتايىن مۇھىم تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە، بولۇپمۇ، مانا بۇ مۇزېيدىكى يەھۇدىيلارنىڭ قىرغىنچىلىق تارىخى بىزنى، ئەگەر باستۇرۇش ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەرگە بىرلىكتە ياردەم قىلمىغاندا قانداق پاجىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇپتۇ»، دېدى.

يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مۇزېيىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ستەسي خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇزېيغا بۇ يىغىننىڭ ساھىبخانىلىقىنى قىلىش پۇرسىتى بېرىلگەنلىكىدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەنلىكىنى ۋە بۇ ئارقىلىق مۇزېينىڭ ئەسلىدىكى دۇنيا ئەھلىنى مەزكۇر قىرغىنچىلىقنى قايتىلانماسلىقىغا ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنىڭ يورۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ستەيسى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىننىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك تەرىپىنىڭ بىرى، دىنىي باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ 30 دىن كۆپ شاھىتلىرى ۋە ۋەكىللىرىنىڭ نۇتۇق ۋە گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك ئېغىر باستۇرۇش ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەتتا دائىرىلەرنىڭ تەن جازاسى، جىسمانىي جەھەتتىن خورلاش، خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋە قاماپ قويۇشىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، دىنىي ئەركىنلىككە قويۇلغان قاتتىق چەكلىمىلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئىسپاتلىق جانلىق ئېچىپ بېرىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىن كۈن تەرتىپى بويىچە كېيىنكى 3 كۈندە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ساھىبخانىلىقىدا مەخسۇس دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك يىغىن ۋە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى، دىنىي گۇرۇپپا ۋە جامائەت ۋەكىللىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ مىڭدىن كۆپ ئادەم ئىشتىراك قىلىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن، جەۋھەر ئىلھامدىن باشقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلارمۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدىكەن ۋە مۇناسىپ يىغىن پائالىيەتلىرىدە نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.