قوشنىسىنىڭ جېدىلىنى ئايرىغان زەيتۇنخان ئىسمائىل دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن لاگېرغا ئەكېتىلگەن

0:00 / 0:00

ئورۇن: تۇرپاننىڭ چاتقال يېزىسى، ۋاقىت: 2020 ‏-يىلى 1-ئاي؛ 67 ياشلىق زەيتۇنخان ئىسمائىل قوشنا ئائىلىدىن چىقىۋاتقان ئەنسىز ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۆيىدىن چىقىدۇ ۋە قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئېغىرئاياغ ئايالى بىلەن جېدەللىشىۋاتقان مەست ئەرگە نەسىھەت قىلىدۇ ۋە جېدەل بېسىقىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىشتىن قوشنىسى رازى، ئۆزى رازى، مەھەللە كوي رازى؛ ئەمما دائىرىلەر رازى ئەمەس؛ شۇڭا ساقچىلار زەيتۇنخان ئىسمائىلنى بىر يىل بۇرۇنقى بۇ ئىش سەۋەبلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن، بۇنىڭدىن 4 ئاي ئاۋۋال بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىدۇ. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

تۇرپانغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، چاتقال يېزا ساقچىخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خادىم، ئۆزى مەسئۇل كەنتتىن يېقىندا تۇتۇلغانلار ئارىسىدا، زەيتۇنخان ئىسمائىل ئىسىملىك 67 ياشلىق بىر ئايالنىڭمۇ بارلىقى، ئۇنىڭ مەست قوشنىسىنىڭ جېدىلىنى ئايرىغانلىقى ئۈچۈن دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، زەيتۇنخان ئىسمائىل مەھەللىدىكى يۇرت چوڭى ئانىلاردىن بىرى بولۇپ؛ ئۇ يىللاردىن بېرى مەھەللىنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەنىكەن. يىللاردىن بېرى ئۇنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك جەمئىيەت تىنچلىقى ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش دەپ قارىلىپ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشىپ كەلگەنىكەن. زەيتۇنخان ئىسمائىل، بۇ نۆۋەتتە قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىكى جېدەلنى ئاڭلىغىنىدا، بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا يۇرت چوڭىلىق ھەم قوشنىدارچىلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ماجىراغا ئارىلاشقان. ئەمما بۇ قېتىم دائىرىلەر ئۇنىڭ بۇ قىلغىنىنى، يەنى مەست قوشنىشىسىنى بولسا ھاراقنى ئىچمەسلىك، بولمىغاندا ئاز ئىچىشكە بۇيرۇشى، مەھەللە تىنچىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەمەس بەلكى كىشىلەرنى ھاراقتىن توسۇش دەپ قارىغان ۋە بۇ ھاراقتىن توسۇش دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى دەپ بېكىتىلگەن.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، يېڭىساردا 70 نەچچە ياشلىق بىر كىشى 13 يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ مەست ئوغلىنى ئەيىبلىگەنلىكى يەنى ھاراقتىن توسقانلىقى ئۈچۈن دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنىدى. 2016‏-يىلى خوتەندە بىر كەنت كادىرى بىر دىنىي زاتنىڭ ئالدىدا چېكىۋاتقان تاماكىسىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن، دىنى ئەسەبىيلىككە قارشى مەيدانى قەتئىي بولماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئۆز ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خەلقئارا ئاخباراتقا تارقالغانىدى.

مەزكۇر ئالاقىدار خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، زەيتۇنخان ئىسمائىل، يەنە مەھەللىدىكى تەجرىبىلىك مېيىت يۇيغۇچى ئاياللاردىن بولۇپ، ئۇ بۇ خىزمىتى سەۋەبلىكمۇ ئىلگىرى دائىرىلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشىپ كەلگەنىكەن؛ ئەمما بۇ قېتىمقى تۇتۇلۇشىدا، ئۇنىڭ مېيىت يۇيۇش ئىشى سەۋەبلىك سوراققا تارتىلىپ تارتىلمىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

يۇقىرىدا، تۇرپان چاتقالدا 67 ياشلىق زەيتۇنخان ئىسمائىل ئىسىملىك ئايالنىڭ مەست قوشنىسىنى ھاراقتىن توسقانلىقى ئۈچۈن دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ لاگېرغا سولانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.