دىسنېي شىركىتى «مۇلەن» فىلىمى سەۋەبىدىن تەرەپ-تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-09-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى قوللىغۇچىلار يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ۋالت دىسنىي كورېيە ئىشخانىسىنىڭ سىرتىدا دىسنىي ئىشلىگەن فىلىم «مۇلان» نى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. 2020-يىلى 1-ئىيۇل، جەنۇبىي كورېيە.
خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى قوللىغۇچىلار يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ۋالت دىسنىي كورېيە ئىشخانىسىنىڭ سىرتىدا دىسنىي ئىشلىگەن فىلىم «مۇلان» نى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. 2020-يىلى 1-ئىيۇل، جەنۇبىي كورېيە.
AP

دىسنېي شىركىتى «مۇلەن» فىلىمى سەۋەبىدىن بارغانسېرى زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ ۋەقە ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. 11-سېنتەبىر جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى پارتىيەدىن تەشكىللەنگەن 19 نەپەر غوللۇق ئەزاسى دىسنېي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى بوب چاپېكقا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاۋاتقان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ سوئاللار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

(1) ۋالت دىسنېي شىركىتى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات كومىتېتى»، «تۇرپان شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى» ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن «مۇلەن» فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا قانداق ھەمكارلاشتى؟

(2)فىلىم ئاخىرىدا يۇقىرىقى ئورگانلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىشى ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قانداق كېلىشىم تۈزۈلدى؟ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى نېمىلەردىن ئىبارەت؟

(3) ۋالت دېسنېي خادىملىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى ۋە نازارىتىدىن خەۋىرى بارمىدى؟ ئەگەر يوق بولسا، بۇندىن كېيىن خەۋەردار بولۇشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىدۇ؟

(4) بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش ۋە ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ھەققىدىكى خەۋەرلەر شۇنچە كەڭ تارقالغان بىر شارائىتتا، فىلىمنى ئۇ يەردە سۈرەتكە ئېلىشىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ فىلىمنى ئۇيغۇر ئېلىدە سۈرەتكە ئېلىش خىتاي بازىرىغا كىرىش ئۈچۈن قويۇلغان شەرتلەرنىڭ بىرىمۇ؟

(5) ۋالت دىسنېي شىركىتى فىلىم ئىشلەۋاتقاندا بىڭتۇۋەن ۋە باشقا يەرلىك ئەمگەكتىن قانچىلىك پايدىلاندى؟ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن تەدبىر قوللاندىمۇ؟

(6) ۋالت دىسنېي شىركىتى ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرىنىڭ بۇ فىلىمىگە مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىنىڭ قانۇنىي خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغان ھۆددىگەر شىركەت كىم؟

(7) ۋالت دېسنېي شىركىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق تارمىقى بۇ كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدا قانداق رول ئوينىدى؟

(8) خىتاي كومپارتىيەسى ۋالت دېسنېي شىركىتى ياكى ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغان خىتاي خىزمەتچىلەردىن خىتاي كومپارتىيەسى ياچىيكىسى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغانمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، «مۇلەن» فىلىمىنىڭ رايوندا سۈرەتكە ئېلىنىشىدا ئۇلارنىڭ قانچىلىك رولى بار؟

(9) ۋالت دىسنېي شىركىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىش مەسىلىسىدە ئېنىق بىر سىياسىتى بارمۇ؟ تەپسىلاتى نېمە؟ ئەگەر بولمىسا، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

(10) دىسنېي شىركىتى مەيلى ئامېرىكادا ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن، ئىقتىسادىي چىقىمدىن باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى فىلىم سۈرەتكە ئېلىشنى رەت قىلىپ باققان ئورۇنلار بارمۇ؟ بولسا ئۇلار قايسىلار ۋە سەۋەب بولغان ئامىللار نېمە؟

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىىسنىڭ ماركو رۇبىيو، جەيمىس ماكگوۋرن، تەد كرۇز، مارشا بلەكبېرن، بوب مېنېندەز، توم كوتتون قاتارلىق 19 نەپەر ئەزاسى قول قويغان مەكتۇپتا ئۇلار دىسنېينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە جىنايەت ئىشلەۋاتقان ۋە ئۇ جىنايەتلەرنى ئاقلاش رولىنى ئويناۋاتقان تۇرپان شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە تۇرپان شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمىى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىدىن قاتتىق ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئۇلار يەنە تۇرپان شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر زۇلۇمدا رولى بار دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىنغان ئورۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئېلشات ھەسەن ئامېرىكادا ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ دىسنېيدەك چوڭ شېركەتكە بېسىم ئىشلىتىشىنى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، دېدى. ئۇ دىسنېينىڭ بۇ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ مەسىلە ھازىر ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردە خەۋەر قىلىنغاندىن سىرت، CNN تېلېۋىزىيەسىگە ئوخشاش كەڭ ئاممىغا خىتاب قىلىدىغان قاناللاردىمۇ مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا. CNN تېلېۋىزىيىسىنىڭ تونۇلغان رىياسەتچىسى جەيك تەپپىر ئۆزىنىڭ خەۋەر پروگراممىسىدا «دىسنېي» شېركىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ ئامېرىكالىق ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن دىسنېينىڭ يېڭى چىققان «مۇلەن» فىلىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، فىلىم ئاخىرىدا دىسنېينىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگانلىرىغا رەھمەت ئېيتقانلىقىنى بايقايدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلغان:

«سىز فىلىم ئاخىرىدا دىسنېينىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى تەشۋىقات ئورگىنىغا رەھمەت ئېيتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ رايوندا ئاز دېگەندە 2 مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ قولغا ئېلىنىپ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خىتاي بۇ ئورۇنلارنىڭ ‹قايتا تەربىيە ۋە كەسىپ ئۆگىتىش مەركەزلىرى› ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. بىراق ئامېرىكا بۇ ئورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ۋەھشىيلەرچە مۇئامىلىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. دىسنېي فىلىمنى مانا مۇشۇنداق بىر يەردە سۈرەتكە ئېلىپلا قالماي، يەنە تېخى بۇ جازا لاگېرلىرىنى يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئامېرىكا تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىنغان ساقچى ئورگانلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.»

جەيك تەپپىرنىڭ ئېيتىشىچە، دىسنېي شىركىتى بۇنداق رەھمەت ئېيتىشنى پەقەتلا بىر رەسمىيەت دەپ ئىزاھات بەرگەن. جەيك تەپپىر دىسنېينىڭ بۇ سۆزىنى تەنقىدلەپ، يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«دىسنېي شىركىتى فىلىم سۈرەتكە ئېلىنغان جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە ئورگانلارغا رەھمەت ئېيتىش پەقەتلا بىر رەسمىيەت، دەپتۇ. شۇنداقمۇ؟ جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتكە رەھمەت ئېيتىش قانداق رەسمىيەت ئىكەن؟ بۇ گەپچە بىز دىسنېينىڭ ‹فانتېزىيا› ناملىق كارتون فىلىمىنىڭ ئەينى چاغدا ئىشغال ئاستىدىكى پولشادا سۈرەتكە ئېلىنمىغانلىقىدىن خوش بولۇپ ئولتۇرساق بولىدىكەندە!»

ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش خوۋلېيمۇ دىسنېي شىركىتىگە ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاش ئارقىلىق ئۇلارنى تەنقىد قىلغان ئىدى. ئۇ «دىسنېي شىركىتى بۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەتلىرىنى ئاقلىدى،» دېگەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى دىسنېي شىركىتى يولۇققان بۇ بېسىمنىڭ ئەمدى باشقا خەلقئارالىق شېركەتلەرنىمۇ سەگىتىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار يولۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«مۇلەن» فىلىمى 4-سېنتەبىر كۈنى قويۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، تۇرپاندىكى لاگېرلار بىر قىسىم خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ، مۇخبىرىمىز بۇ سەۋەبتىن تۇرپانغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا تۇرپاننىڭ شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپىدىلا 8 ئورۇندا لاگېر بارلىقىنى دەلىللىدى. مەزكۇر لاگېرلارنىڭ ئۈچىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ساقچى خادىمى بۇ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ بىر ئايدا ئاران بىر قېتىم بىنا سىرتىدا ھاۋالاندۇرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، زۇلۇمنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت