خىتاينىڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتى: «مىس ۋە تۆمۈر قوراللار دەۋرىدىكى نۇپۇس كۆچۈشى ئۇيغۇر ئېلى نۇپۇس تارىخىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.04.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ئۇيغۇر ئارخېئولوگ: تارىم مۇمىيالىرىغا ئائىت تەتقىقات نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئەجدادى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن 2003-يىلى تارىم ئويمانلىقىنىڭ لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان 3800 يىللىق تارىخقا ئىگە گۈزەل ئايالنىڭ قۇرۇغان جەسىتى ئامېرىكانىڭ تېكساس شتاتىنىڭ خيۇستون شەھىرىدىكى مۇزېيدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان. 2010-يىلى 17-ئاۋغۇست.
REUTERS

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان قەدىمكى جەسەتلەرنى DNA تەتقىقاتى بويىچە ئانالىز قىلىشنى سەزگۈر سىياسى تېما دەپ قاراپ، بۇ خىل تەتقىقاتلارغا ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويۇپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى خىتاي بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. يېقىندا خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئومۇرتقۇلۇق ھايۋانلار پالېئونتولوگىيەسى ۋە قەدىمكى ئىنسانلار تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 39 ئارخېئولوگىيەلىك ئورۇندىن تېپىلغان 201 قەدىمىقى ئىنسانلار گېنى ئۈستىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئىنسانلارنىڭ كېلىش تارىخىغا ئائىت بەزى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا خىتاي ۋە چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلاردىن تەشكىل تەپقان بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى كىچىك مىرەن دەرياسى ۋادىسى ۋە جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان بەزى قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ DNA تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ 1-ئاپرېل كۈنى «ئىلىم-پەن» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدا، مىس ۋە تۆمۈر قوراللار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدا ياشىغان قەدىمقى ئاھالىلارنىڭ گېن تەركىبى، گېنېتىك ئالاقىسى، كۆچۈش ۋە شەكىللىنىش جەريانى ئانالىز قىلىنغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىس قوراللار دەۋرىدە ياشىغان ئىنسانلار بۇ رايوننىڭ كېيىنكى نۇپۇس ھەركىتىنى چۈشەىنىشتىكى ئاچقۇچلىق ئامىل بولۇپ، رايوننىڭ مىس قوراللار دەرۋرىكى ئاھالىلىرىنىڭ ئەجداتى مەركىزى ۋە شەرقىي ياۋرو-ئاسىيا بوزقىرلىرى، مەركىزى ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقىنى ئاساس قىلغان تۆت مەدەنىيەتكە باغلىنىدىكەن.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىس قوراللار دەۋرىدىكى ئاھالىلارنىڭ ئېرسىيىتى ئەتراپىدىكى بۇ مەدىنىيەتلەرنىڭ كۆچۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، غەربىي-شىمالدا ئافاناسېيىۋو، چېمۇرچېك، ئوكۇنېۋو ۋە بوتاي بوزقىر مەدەنىيىتى، جەنۇبتا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باكتېرىيە-مارغىيانا (BMAC) مەدەنىيىتى، شەرققە خېشى كارىدورى ئەتراپىدىكى سىبا مەدەنىيىتىگە باغلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، «ئارخېئولوگىيەلىك ۋە خوندىرىئوسوملۇق تەتقىقاتلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىس قوراللار دەۋرى ئاھالىسى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ھېچقاچان يەرلىك يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى غەرب ۋە شەرقىي ياۋرو-ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئارلاشمىسىدىن كەلگەن بولۇپ، شىمالىي ياۋرو-ئاسىيا يايلاق مەدەنىيىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باكتېرىيە-مارغىيانا مەدەنىيىتىگە تۇتۇشىدىغانلىنى ئىسپاتلىماقتا،» ئىكەن.

ئامېرىكادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتى خەلقئارا تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئاۋۋال ئېلان قىلغان مىس قوراللار دەۋرىدىكى ئاھالىلارغا ئائىت تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن ئانچە بەك پەرقلەنمەيدىكەن.

ئامېرىكادىكى تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەركىزى ئاسىيا قەدىمكى خەلقلەر گېن تەتقىقاتچىسى، دوتسېنت ۋاگېش ناراسىمخان Nagheesh Narasimhan زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دىدى: «ماھىيەت جەھەتتىن بۇ تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئاۋۋال تارىم ئ‍ويمانلىقىدىن تېپىلغان مىس قوراللار دەۋرىدىكى قىسمەن مۇميالارنىڭ DNA سى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىنغان. بۇ دوكلاتتىمۇ ئۇنىڭغا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تېپىلغان ئوخشىمىغان دەۋرلەرگە ئائىت 201 DNA قوشۇلدى. بۇ دوكلاتتا بۇرۇنقى دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلار قوشۇمچە ئانالىز قىلىنىپ، خەلقئار تەتقىقات گۇررۇپىسىنىڭ ئانالىزى بىلەن بۇ ئانالىز بىرلەشتۈرۈلگەن.

ۋاگېش ناراسىمخان، ھەر ئىككى تەتقىقات گۇرۇپپسىنىڭ بۇ رايوندىكى ئاھالىلارنىڭ مىس قوراللار دەۋرىدىكى ئەجداتى توغرىسىدا چىقارغان يەكۈنى ئ‍وخشاپ كېتىدىكەن. ۋاگېش نېراسىمخان مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ چىقارغان خۇلاسىسى ئەمەلىيەتتە بىر قەدەر ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ رايوننىڭ مىس قوراللار دەۋرىدىن تارتىپلا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر ئىرسىيەت ئەجداتى بار. بۇ دۇنيانىڭ بۇ پارچىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەجداتىنىڭ شەكىللىنىشىدە چوڭ رول ئوينىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىس قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرى ۋە تۆمۈر قوراللار تارىخى دەۋرىدىمۇ بۇ دۇنيانىڭ بۇ رايونىغا كۆچۈش ۋە ئۆز ئارا قوشۇلۇش بولغان. بۇ دۇنيانىڭ باشقا ھەرقانداق جايىدىمۇ ئوخشاش يۈز بەرگەن ھادىسە.»

خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىس قوراللار دەۋرىدىكى ئاھالىلىرىنى ئېرسىيەت ئالاھىدىلىكىگە دائىر يەكۈنى خەلقئارا تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىرى بىلەن ئوخشاپ كەتسىمۇ، بىراق دوكلاتنىڭ ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىسى ئۇنىڭ تۆمۈر قوراللار دەۋرىدىكى ئاھالىسىغا ئائىت ئانالىزىدۇر. دوكلاتتا، بۇ دەۋردىكى تۆمۈر ماتېرىياللىرىنىڭ ساكلارغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسى ھەم تارىم ئويمانلىقىدا ئۇلارغا ئائىت نۇرغۇن ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلارنىڭ تېپىلغانلىقى، بۇ دەۋردە ساك، ھۇن، پازىرىق، تاغار قاتارلىق قاتارلىق كۆچمەن قەبىلىلەر ئىتتىپاقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئەتراپىدا پەيدا بولۇپ، بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كۆپ خىللىقنى شەكىللەندۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ساكلار مىس قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدىكى ئاندرونوۋا، سرۇبنايا، سىنتاشتاغا ئ‍وخشاش پادىچى خەلقلەرنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى، ساكلارنىڭ قوشۇمچە ئەجداتى بايقال شامانكا ۋە باكتىرىيە-مارغىيانا ئاھالىلىرىغىمۇ تۇتۇشىدىغانلىقى ۋە ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكى خوتەن تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، لېكىن بۇنىڭدىن 2200 يىل بۇرۇن بۇ رايون ياۋچى (يۈرچى)، ھۇن، خەن ۋە تۈركلەرنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا «شۇڭا بۇ رايون ھەرىكەتچان مەدەنىيەت، تىل ۋە ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئاھالىلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى باغلىنىشى ۋە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق ساھەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ،» دېيىلگەن.

لېكىن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىشىدىكى مەقسىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى گۇمان قوزغايدىكەن. تۈركىيەدىكى ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلەر دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم 11-ئاپرېل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ھەر خىل ئىرقلار قوشۇلۇپ كەتكەن بىر رايوندەك كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقۇتۇشقا تىرىشىۋاتقاندەك قىلماقتا ئىكەن. ئەركىن ئەكرەم يەنە خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خەنلەرنى ھۇن ۋە تۈركلەر بىلەن بىر بىرگە بۇ رايوندىكى قەدىمقى ئاھالىلارنىڭ ئېرسىيىتىگە تەسىر قىلغان خەلقلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىشىنىڭ تارىخىي رېئاللىققا چۈشمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ خەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلىرىدىكى خاندانلىقلىرىنىڭ بۇ رايوندا يەرلىك ئاھالىلارغا تەسىر قىلغۇدەك بىر نۇپۇسى بولۇپ باقمىغان ئىكەن.

ئامېرىكانىڭ تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوتسېنت ۋاگېش ناراسىمخاننىڭ ئېيتىشىچە، ئ‍وخشىمىغان ئىككى گۇرۇپا ئېرسىيەت جەھەتتىن ئورتاق ئەجداتقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا، بۇ ئىككى گۇرۇپپىنى بىر-بىرىگە باغلاش توغرا ئەمەس ئىكەن. ئۇ، ئەگەر ئ‍ۇنداق بولىدىغان بولسا، دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئافرىقادا ئورتاق ئەجداتى بار ئىكەن. ۋاگېش ناراسىمىان مۇنداق دەيدۇ: «ئ‍وخشىمىغان ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ئورتاق ئەجداتى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇلارنىڭ بىر بىرسىگە باغلىۋالسىڭىز بولمايدۇ. ئۇنداق بولىدىغان بولسا، دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئورتاق ئەجداتى ئافرىقادىن كەلگەن. ئەلۋەتتە، سىز بۇ ئەھۋالنى ئىنساننىڭ ئورتاق ئەجداتى دېيەلەيسىز. بىز قايسى ئاھالىلار توپىنى پايدىلىنىش ئوبيېىكتى قىلىپ ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇنى ھازىرقى زامان ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق مەنبەسى قىلىپ ئىشلىتىش توغرا بولماسلىقى مۇمكىن.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقات گۇرۇپپىسى 39 ئارخېئولوگىيەلىك ئورۇندىن تېپىلغان 201 قەدىمكى كىشىنىڭ گېنىدىن DNA بىر سانلىق مەلۇمات ئامبېرى ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ 104 نەپىرىنىڭ ياشىغان يىلى رادىيو-كاربون ئارقىلىق بېكىتىلگەن، قالغان 97 كىشىنىڭ ياشىغان ۋاقتى ئارخېئولوگىيەلىك ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ بېكىتىلگەن. جەسەتلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى جەسەتلەرنىڭ سۆڭىكىدىن ئېلىنغان ئىكەن.

خىتاي پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ بۇ تەتقىقات تۈرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاسسىمىلاتسىيەنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان، ئۇلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىردەك ئىنكار قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئارخېئولوگىيە ۋە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى 2017-يىلى 3-ئايدا باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن تەڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم چوڭ تۇتقۇن باشلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ سىياسىي نىشانىنى بېكىتىپ، ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى كۈرەشنى نىشان قىلىشى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىغا «شىنجاڭ ئەزەلدىن جوڭگونىڭ بىر قىسمى» دېگەن ئۇقۇمنى سىڭدۈرۈشكە خىزمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2017-يىلى 22-مارت كۈنى ئېچىلغان ئارخېئولوگىيە خىزمەت يىغىنىدا سابىق پارتكوم سېكرىتارى چېن چۇەنگو سوز قىلىپ: «شىنجاڭ سوتسىيالىستىك قىممەت قاراشنى تۇرغۇزۇش ۋە ئالغا سۈرۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئارخېئولوگىيە خىزمىتىگە ئېھتىياجلىق» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.