ئامېرىكا دۆلەت مەجلىىسدە «خىتاينىڭ رەقەملىك مۇستەبىتلىك ئارقىلىق دىننى كونترول قىلىشى» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

13-سىنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىدا «خىتاينىڭ رەقەملىك مۇستەبىتلىك ئارقىلىق دىننى كونترول قىلىشى» ماۋزۇلۇق بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور دۇنياسىدىمۇ دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مۇنازىرە قىلىندى.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلىي ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى «توردا دىنىي ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش» نىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ دىنىي مەزمۇنلارنى تورغا چىقىرىش ئۈچۈن چوقۇم ھۆكۈمەت تارقاتقان ئىجازەتنامە بولۇش؛ دىنىي مۇراسىم ۋە دۇئا-تىلاۋەت پائالىيەتلىرىنى توردا تارقىتىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئاخىرىدا خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئارقىدىن مەزكۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن (James McGover) سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى دىنىي گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئىشخانىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان دوكلاتنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى:

«ب د ت نىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئالاھىدە دوكلاتچىسى بۇلتۇر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش› باھانىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تور چەكلىمىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە پىكىر ئەركىنلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يېقىندا شىنجاڭ توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتىغىمۇ ماس كېلىدۇ. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش› سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىنى رەت قىلىۋاتقانلىقى دېيىلگەن ئىدى.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ رەقەملىك مۇستەبىتلىك ئارقىلىق دىننى كونترول قىلىشى» ماۋزۇلۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن(James McGovern) سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 13-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ رەقەملىك مۇستەبىتلىك ئارقىلىق دىننى كونترول قىلىشى» ماۋزۇلۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن(James McGovern) سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 13-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون. (cecc.gov)

مەزكۇر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىكى تۇنجى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بولۇپ، ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ۋە دىنغا ئىشەنگۈچىلەرگە قاراتقان باستۇرۇشىنى نوقتىلىق شەرھىيلەپ ئۆتتى. بولۇپمۇ ئۇ سۆزىدە خىتايدا بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىتىبارەن «توردا دىنىي ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش» نىڭ يېڭى تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ۋەزىيەتنى تونۇشتۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ دىن توغرىسىدىكى بۇ يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ بەلگىلىمە دىنىي پائالىيەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چەكلىدى، دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئەسلىدە ئىنتايىن تار بولغان پائالىيەت بوشلۇقىنى يەنىمۇ تارايتتى. بۇ يېڭى بەلگىلىمە مۇستەقىل، تىزىمغا ئالدۇرمىغان دىنىي جەمئىيەتلەرگە ئىنتايىن پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئادەتتە پائالىيەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغان بۇنداق گۇرۇپپىلار ھازىرغىچە تور سۇپىلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ دىنىي تەلىم-تەربىيە ۋە تەربىيىلەش ئېلىپ بارغانلىقىنى، شۇنداقلا دىنىي يىغىلىش، دۇئا-تىلاۋەت ۋە باشقا دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئەمما 2022-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان پۈتۈن خىتاي بويىچە چەكلىمىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

نۇرىي تۈركەل يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرى نەچچە يۈزلىگەن تەكشۈرگۈچىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئىنتېرنېتتىكى دىنىي مەزمۇنلارنى تەكشۈرمەكتە. خىرىستىيان ۋە تىبەت بۇددىست گۇرۇپپىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تور بېكەتلىرى ۋە ئۈندىداردىكى تور گۇرۇپپىلىرىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى دوكلات قىلدى. بىز ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) بۇ بەلگىلىمىنىڭ تېخىمۇ كۆپ زىيانكەشلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەيمىز.»

نۇرىي تۈركەل سۆزىدە ئالاھىدە قىلىپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى يېڭى چىقارغان بۇ بەلگىلىمىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى ئەسلىدىلا ئىنتايىن ئېغىر بولغان دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ قېيىنلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاينىڭ رەقەملىك مۇستەبىتلىكىنىڭ ئالىقاچان سىناق قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا نوترېدام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى كارىي كوسېل (Karrie Koesel) سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتايدىكى دىنىي جامائەتلەردىن خىتايچىلىشىشنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ھاياتنى «تېخىمۇ كۆپ خىتايچىلاشتۇرۇش» ئارقىلىق، ئۇلارنى چەت ئەلنىڭ تەسىرىدىن ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىسى، ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، مەلۇم بىر ئىدىيەنى خىتايچىلاشتۇرۇش خىتاي ۋە كومپارتىيە ئۈچۈن يېڭى نەرسە ئەمەس. ئىلگىرىكى رەھبەرلەر ھەممىسى ماركسىزم-لېنىنىزمنى خىتاينىڭ مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر قوللانغان. بۇ سوتسىيالىزمنىڭ خىتاينىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە تەرەققىي قىلىشىغا يول ئاچقان. ئەمما شى جىنپىڭنىڭ دىننى خىتايچىلاشتۇرماقچى بولۇشى، يەنە كېلىپ پارتىيە-دۆلەتنى دىنىي ھاياتنىڭ مەركىزىگە قويۇشى، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ھەرىكىتىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.»

ئۇ سۆزىدە يەنە ھازىر دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ قانداق يۈرگۈزىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدىغان ئېنىق مەركىزىي سىياسەت بولمىسىمۇ، ئەمما دۆلەتلىك ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار جەمئىيىتىنىڭ بېيجىڭنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ تەييارلىغان «بەش يىللىق پىلانى» بارلىقىنى، بۇ پىلاندىن بۇ يۆنىلىشنى كۆزىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى:

«خىتايدىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدا خىتايچە ئېستېتىكا ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ دىن ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. مەسىلەن، بۇ خىتاينىڭ كىيىم-كېچەك ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، چەت ئەلنىڭ ئىسلامچە كىيىملىرىنى كىيىشنى تۈزىتىش، مەسچىتلەردە خىتايچە ئېلېمېنتلارنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ‹كۇڭزى ئىدىيەسى ئارقىلىق قۇرئاننى چۈشەندۈرۈش» ۋە دىن دەرسلىكىدە سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى يادرولۇق ھالدا ئۆگىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

كەررىي خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارانىڭ خىتايدىكى دىنىي ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، خىتاي تەرەپكە بۇ ھەقتە توختىماي ئوچۇق-ئاشكارا ياكى يېپىق سورۇنلاردا بېسىم قىلىش، خىتاي تەرەپتىن دىنى ۋە ئېتىقادى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان، نەزەربەند قىلىنغان ياكى تۈرمىگە قامالغان ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى توختىماي تەلەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرىگە دىنىي پائالىيەتلەرنى «ئاشقۇنلۇق» ۋە «تېرورلۇق» بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىن ساقلىنىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداش ۋە شېرىك دۆلەتلەرنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش قاتارلىق تەكلىپ-پىكىرلەرنى يىغىن ئەھلىنىڭ سەمىگە سالدى.

يىغىندا يەنە برۇكىڭس تەتقىقات مەركىزىنىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە يېڭى پەن-تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى كىرىس مېسېرول (Chris Meserole)، شۇنداقلا «پۇقرالار تەجرىبىخانىسى» (Citizen Lab) تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئېمىلې دىركس (Emile Dirks) قاتارلىقلارمۇ خىتايدا قوللىنىلىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت ۋە ئۇنىڭ دىننى چەكلەشتە قوللىنىلىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

كىرىس مېسېرول دوكلاتىدا ئاساسلىق تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ دىنىي ئاز سانلىقلارغا قارىتىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارىتىنى ئۆز چېگراسىدىن ھالقىپ چەت ئەللەرگە كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى؛ ئىككىنچىدىن، نازارەت تېخنىكىسىنى باشقىلارغا ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ «رەقەملىك يىپەك يولى» ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ئەسلىھەلىرى ۋە نازارەت تېخنىكىسىنى چەت ئەللەرگە ساتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى؛ ئۈچىنچىدىن، شى جىنپىڭنىڭ رەقەملىك نازارەتنى دىننى باستۇرۇشقا ئىشلىتىلىشىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بۇ ئادەتنى نورماللاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ خىتاينىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، چەت ئەلدىكى ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى نىشانلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئېمىلې دىركس سۆزىدە ئامېرىكادا خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق، خىتاي ئىچىدە ۋە سىرتىدا يولغا قويۇۋاتقان نازارەت ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنىڭ ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكى، بۇ ساھەدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپلەپ يېتىشتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكادا خىتاي تىلى، ئۇيغۇر تىلى، موڭغۇل، تىبەت ۋە قازاق تىللىرى ئوقۇتۇشى ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر يىغىن ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب قىسمىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، نوقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ جازاسىز قالماسلىقى كېرەكلىكىنى، جىنايەتچىلەر جازالانمىغان تەقدىردە ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ قىلىۋاتقانلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنى جازالاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.