دولقۇن ئەيسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.11.14
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلدى

RFA/Erkin Tarim

چېخىيە پايتەختى پراگادا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە بىر نۆۋەتلىك رەئىس بولۇپ سايلاندى.

14-نويابىر، يەنى د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي قۇرۇلتىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنىدە ئومۇمىي سايلام ئېلىپ بېرىلدى. ۋەكىللەرنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا بېلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 198 ئاۋاز بىلەن د ئۇ ق نىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى. سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا، يىغىن زالىنى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى قاپلىدى.

رەئىس سايلىمىدىن كېيىن، مۇئاۋىن رەئىسلەر سايلاپ چىقىلدى. تۈركىيە ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم ۋە گېرمانىيەدىن پەرھات مۇھەممىدى قاتارلىق ئۈچ كىشى د ئۇ ق نىڭ يېڭى نۆۋەتلىك مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، د ئۇ ق نىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسىي ئەللىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا، شۇنداقلا قۇرۇلتاينىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا بولغان ئىشەنچىسىگە رەھمەت ئېيتتى. د ئۇ ق نىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى 4 يىل جەريانىدا تىرىشىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا 20 نەچچە دۆلەتتىن 220 دەك رەسمىي ۋەكىل كۆزەتكۈچى ۋە شەرەپ مېھمانلىرى قاتناشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن 204 ۋەكىل ئاۋاز بېرىشكە قاتناشتى.

د ئۇ ق نىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيى جەريانىدا دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، جەمئىي 32 نەپەر ۋەكىل قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى ھەرقايسىي كومىتېتلاردا ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

د ئۇ ق نىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىكىگە سايلانغان رەھبەرلەر ۋە بىر قىسىم ۋەكىللەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي جەريانىدىكى تەسىراتلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

12-نويابىر، يەنى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەش كۈنىدە باشلانغان د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى، 14-نويابىر كۈنى كەچقۇرۇن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.