فرانسىيەدىكى «ئازاتلىق» گېزىتى دولقۇن ئەيسانىڭ تەرجىمىھالىنى ئېلان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-09-13
Share
فرانسىيەدىكى «ئازاتلىق» گېزىتى دولقۇن ئەيسانىڭ تەرجىمىھالىنى ئېلان قىلدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا AFP بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
AFP

فرانسىيەنىڭ مەشھۇر گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «ئازاتلىق» گېزىتى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى باشلانغان 10-سېنتەبىر كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «دولقۇن، تامنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە» ناملىق ئۇزۇن بىر ماقالىنى ئېلان قىلدى.

ماقالە تۆۋەندىكىدەك جۈملىلەر بىلەن باشلانغان: «لوندۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدلىيە ئىسخىمىسى سىزىلماقتا. ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› جۈمە كۈنى ئىككىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى باشلىدى. مەقسەد: داۋام قىلىۋاتقان زوراۋانلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەلىللىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش ئىدى. خەلقنىڭ ساداسى، ھەقىقىي ئەيىبلەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولالايدۇ». «ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ بۇ سابىق رەھبىرى 1985-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭدىكى خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن كۆرەشلىرىنى باشلىغان ئىدى. خىتاي تەرىپىدىن ‹تېررورىست› لىق تامغىسى بېسىلغان بۇ كىشى، مىيۇنخېندا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان مەزگىللىرىدە تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق ۋە قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان.»

ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن خەلقئارا ساقچى (ئىنتېرپول) دا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىغا يوللىغانلىقى، بۇ بۇيرۇقنىڭ دولقۇن ئەيسانى كۆپلىگەن ئاۋارىچىلىقلارغا گىرىپتار قىلغانلىقى، گەرچە 2018-يىلى ئىنتېرپول بۇ بۇيرۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما دولقۇن ئەيسانىڭ ھېلىھەم خىتاينىڭ كۆزىگە قادالغان مىققا ئايلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

فرانزسۇزچىنى ياخشى بىلىدىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن زۇمرەتئاي خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، ماقالىدە دولقۇن ئەيسانىڭ ھايات كەچمىشلىرىنىڭ تەپسىلىي ۋە تەسىرلىك بايان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇغان فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەكبەر ئەپەندىمۇ مەزكۇر ماقالە ھەم د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ماقالىدە دولقۇن ئەيسانىڭ تۇغۇلغان ۋە ئۆسۈپ چوڭ بولغان مەزگىللىرىدىن تارتىپ تاكى 1984-يىلى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەنلىكى، 1985-يىلىدىكى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى نامايىشىغا قاتناشقانلىقى، 1988-يىلى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ سوراققا تارتىلغانلىقى ھەم مەكتەپتىن قوغلانغانلىقى، 1994-يىلى ۋەتەننى تەرك ئېتىپ تۈركىيەگە ھىجرەت قىلغانلىقى، 1996-يىلى گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكى، بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەمدە دولقۇن ئەيسانىڭ خەلقئارالىق مەشھۇر سوتچىلارنى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى قۇرۇشقا قايىل قىلغانلىقى قاتارلىقلار تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئىدى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا مۇتەخەسسىس ھەم گۇۋاھچى سۈپىتىدە قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، مەزكۇر ماقالىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ھۆكۈمەت نامىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە ئاۋاز چىقارمايۋاتقان فرانسىيەدە ۋە فرانسىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «ئازاتلىق» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ياخشى ئىش بولغانلىقىنى بايان قىلدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت