د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا 1988-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 36 يىللىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى

0:00 / 0:00

1989-يىلى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» يۈز بېرىشتىن بىر يىل ئىلگىرى، يەنى 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 15-ئىيۇن ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا يازما ئېلان قىلىپ، «15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ 36 يىللىقىنى ئەسلەپ ئۆتكەن.

ئۇ يازمىسىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارغا ئورۇن بەرگەن: «مېنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تەۋەككۈلچىلىك ھەرىكەتلىرىم بۇندىن 36 يىل ئىلگىرى باشلانغان ئىدى. بۈگۈن، مەن سەپداشلىرىم بىلەن بىرگە رەھبەرلىك قىلغان 1988-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىك قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ 36 يىللىق خاتىرە كۈنى. زامانىدا مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى زور جاسارەت بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىگە قارشى ئاۋازلىرىنى ياڭراتقان ئىدى.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر يازمىسىدا، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن بىر قىسىم كەچمىشلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ مۇنداق بايان قىلغان: «مەن 20 يېشىمدا ‹پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرغۇچى› دەپ قارىلىپ مەكتەپتىن قوغلاندىم. 30 يېشىمدا ‹بۆلگۈنچى ۋە قاتىللىق سۇيىقەستىدە بولغۇچى› دەپ ئەيىبلىنىپ، خەلقئارا ساقچى تەرىپىدىن ئۈستۈمدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدىم. 35 يېشىمدا ‹تېررورىست› ئاتىلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەردە قولغا ئېلىندىم. يالغۇز مەنلا ئەمەس، ئائىلەمدىكىلەرمۇ بۇنىڭ ئېغىر بەدىلىنى تۆلىدى. ئانام خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. مېنىڭ ئىككى قېرىندىشىم خىتاينىڭ تۈرمىسىدە، ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ ھايات ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن. بۇلار مېنىڭ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئۆتكەن كەچمىشلىرىمنىڭ پەقەت بىر پارچىسى. ئەمما مەن كۈرەشلىرىمدىن ھەرگىز ۋاز كەچمىدىم. ئاقىۋەت ئادالەت يولىنى تاپتى. 2018-يىلى مېنىڭ ئۈستۈمدىن چىقىرىلغان خەلقئارا ساقچىدىكى قىزىلباشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى 21 يىلدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 2006-يىلى مېنى چېگرادا تۇتۇپ قېلىپ گېرمانىيەگە قايتۇرۇۋەتكەن ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەجلىسى زالىدا 2016-يىلى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ۋە 2019-يىلى خەلقئارا دېموكراتىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم. مەن رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان د ئۇ ق 2023-يىلى ۋە 2024-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلدى. مەن ئۆتكەن 36 يىلدا سانسىزلىغان ۋەقەلەرگە شاھىت بولدۇم. بۇندىن كېيىن يەنە قانداق كەچمىشلەرنى باشتىن كۆچۈرىمىز، نېمىلەرگە ئېرىشىمىز، نېمىلەرنى يوقىتىمىز، بۇنى كۆرىمىز. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇندىن 36 يىل ئىلگىرى مەن بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان مىڭلىغان مەكتەپداشلىرىمغا سالام ۋە ھۆرمەتلىرىمنى بىلدۈرىمەن.»

1988-يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 36 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدى بىلەن 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىر بۆلەك قورچاق ئەمەلدارلىرى بىلەن ئەينى چاغدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ مىللىي كەمسىتىش ۋە ئايرىمىچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ 2016-يىلى جازا لاگېرلىرى تەسىسى قىلىنىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار يۈز بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن پەيدا بولمىغانلىقىنى، بەلكى بۇندىن 36 يىل ئىلگىرىكى شۇ زامانلاردىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتتى.

1988-يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم بولۇپ، ئۇ بۈگۈن بۇ ھەقتە توختالغاندا «1985-يىلى ۋە 1988-يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بىزنىڭ كۈرەش تارىخىمىزنىڭ يۇقىرى بەتلىرىدىن ئورۇن ئالىدىغان شانلىق ھەرىكەتلەردۇر» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

شۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولغان گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بولسا «1988-يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى خىتاي ھاكىمىيىتىگە بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بىز، بىز تېخى ھايات» دېگەن سىگنالنى بېرەلىگەن ئۇنتۇلغۇسىز بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆز ۋاقتىدا «15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىر قىسمى ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن بولسا، بىر قىسمى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان، يەنە بىر قىسمى ئېغىر قاماق جازالىرىغا مەھكۇم بولغان. مەسىلەن، د ئۇ ق نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دولقۇن ئەيسا ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباسلار 1990-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن. ۋارىس ئابابەكرى 2019-يىلى 24-نويابىر جازا لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن قازا قىلغان. ئەركىن تۇرسۇن 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان.

د ئۇ ق 2018-يىلى 15-ئىيۇندىن 17-ئىيۇنغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى «15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ شاھىتلىرىنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جەم قىلىپ، «سەپداشلار ئۇچرىشىشى» دېگەن نامدا بۇ ھەرىكەتنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن ئىدى.